غىرجەك
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ خىل غىرجەك (يۇمىلاق باشلىق غىرجەك) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى سابىق ئۈرۈمچى مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار زاۋۇتى تەرىپىدىن قايتا ئىسلاھ قىلىنىپ، ئۆزگەرتىلىپ ياسالغان.
قەدىمكى يۇمىلاق باشلىق غىرجەكنىڭ سېپى سۆگەت ياغىچىدىن، بېشى جىگدە ياغىچىدىن ئويۇپ، شارسىمان شەكىلدە ياسىلىپ، يۈزىگە ئات ياكى ئېشەك تېرىسى كېرىلەتتى. ھازىرقى يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىنغان يۇمىلاق باشلىق غىرجەكلەر ياڭاق، ئۈجمە، ئۆرۈك، چىنار ياغاچلىرىدىن ياسىلىپ، خەرەك ئاستىدىكى ئاۋاز تىيىكى دەسسىتىلىدىغان ئوتتۇرا قىسمىغا يىلان تېرىسى كېرىلىپ، يۈزلۈكىگە نېپىز تاختاي قويۇلىدۇ. شارسىمان قاپقىنىڭ ئالدى - كەينىدە كۆپلىگەن تۆشۈكچىلەر ئېچىلىپ، ئىچكى قىسمىدا پەيدا بولىدىغان ئەكىس سادا ئاۋازلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىلىدۇ. غىرجەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 70 سانتىمېتىر، بۇرۇنقى نۇسخىلىرى 2 - 3 تارلىق بولغان. ھازىرقى نۇسخىلىرى تۆت تارلىق بولۇپ، تار يۆگەيدىغان قۇلاق ئورنى ئالاھىدە مىللىي ئۇسلۇبتا ئويۇپ ياسىلىدۇ ھەمدە سۆڭەكتىن خىلمۇ خىل كۆركەم نەقىشلەر قويۇلىدۇ. قەدىمكى غىرجەكلەرگە ئات قىلىدىن ئېشىلگەن تارلار سېلىناتتى. ئۈچ تال ئاساسىي تار 4 گرادۇسلۇق مۇناسىۋەت بىلەن تەڭشىلىپ كامانچە بىلەن سۈركەپ چېلىنسا، ئىككى بېقىنىدىكى بەشتىن جەمئىي ئون تارى مەخسۇس ئەكىس سادا ئۈچۈن ئىشلىنەتتى. ھازىرقى ئىسلاھ قىلىنغان غىرجەكلەرگە تۆت دانە تار سېلىنىپ (ئىسكىرىپكىغا ئوخشاش) قالغان ئەكىس سادا تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ھەمدە 5 گرادۇسلۇق مۇناسىۋەت بويىچە تەڭشىلىدىغان بولدى.
غىرجەك ئاساسەن سول پۇت تېقىمى ئۈستىگە تىك قويۇلۇپ، سول قولدا تار بېسىپ، ئوڭ قولدا كامانچە بىلەن سىيرىپ چېلىنىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر ئوركېستىرىدا كۆپرەك قوللىنىلىدىغان كامانچلىق چالغۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرى ئاۋازى ئۆتكۈر، ئىنچىكە، تۆۋەن ئاۋازى توم، غوڭۇلدىغان شەكىلدە بولىدۇ.
غىرجەك ئۇيغۇر ئوركېستىرىدا ئاساسلىق مېلودىيە ئورۇندىغۇچى مۇھىم چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، بەزىدە يالغۇزمۇ ئورۇندىلىدۇ. ئۇ ئوركېستىردا <يۇقىرى ئاۋازلىق غىرجەك> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى گەۋدىسى سول يوغانراق بولغان <ئوتتۇرا ئاۋازلىق غىرجەك> لەرمۇ ياسىلىپ مىللىي ئوركېستىرلاردا ئىشلىتىلمەكتە.