ناغرا
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
ناغرا تەبلىۋازلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى. تەبىلۋاز دەسلەپتە ئاساسەن قول بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىپ، كېيىنچە تەدرىجىي ھالدا چوكا تاياق بىلەن چېلىنىدىغان ئۇسۇلغا ئۆزگەرتىلىپ ناغرا بارلىققا كەلگەن.
ناغرا دۇمباق تىپىدىكى قەدىمكى سوقما چالغۇلارنىڭ بىرى. ئۇ تەبىلۋاز قاتارلىقلاردىن كېيىنرەك، تەدرىجىي ھالدا قېپىنى ياغاچ، مىس ۋە چويۇندىن ياساش ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. ناغرا ئۈستى كەڭ، ئاستى تار قىلىنىپ مېتالدىن قۇيۇلغان چېلەكسىمان چۆچەكنىڭ چوڭ يۈزىگە ئېشەك ياكى موزاي تېرىسى كېرىلىپ، تېرىگە باغلانغان كىرىچىلارنىڭ ئۇچىنى ناغرا چۆچىكىنىڭ كىچىكرەك كەلگەن تۆۋەن تەرىپىگە چىڭ تارتىپ باغلاپ ياسىلىدۇ. ھازىرقى ناغرىلارنىڭ يۈزىگە كېرىلگەن تېرىسى ئاساسەن ۋېنتىلانغان تۆمۈر جازا ئارقىلىق تارتىلىپ چىڭىتىلىدىغان بولدى.
مۇزىكا ئورۇنداشتا بىر نەچچە ناغرىلار بىر گۇرۇپپا قىلىنىدۇ. ئۇلار چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك ناغرا دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ، يەنە بىر چوڭ دۇمباقمۇ بولىدۇ. يەنە بىر چوڭ دومباقمۇ بولىدۇ. بۇلار بىر - بىرىدىن 4 - 5 ياكى 8 گرادۇسلۇق ئاھاڭ ئارىلىقى پەرقلىنىدۇ. كىچىك ناغرىنىڭ ئېگىزلىكى 20 سانتىمېتىر، يۈزىنىڭ دىئامېتىرى 25 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە، چوڭ ناغرىنىڭ ئېگىزلىكى 30 سانتىمېتىر، يۈزىنىڭ دىئامېتىرى 35 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. چوڭ دۇمباقنىڭ ئېگىزلىكى 54 سانتىمېتىر، يۈزىنىڭ دىئامېتىرى 48 - 50 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. ھەممىسى ئوخشاشلا دۇمباق چوكىسى (تايىقى) بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ (چوڭ دۇمباق يالغۇز چوكا بىلەن، كىچىك ناغرىلار قوش چوكا بىلەن چېلىنىدۇ).