UyghurWiki
UyghurWikiئۇ چالغۇلىرىدولان غىرجىكى

دولان غىرجىكى

ئۇيغۇر چالغۇلىرى دولان غىرجىكى قەدىمكى غىرجەك ھەر خىل غېجەكلەرنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي شەكلى بولۇپ، ھازىر دولان ۋە قۇمۇل رايونلىرىدا كۆپرەك ساقلىنىپ قالغان. ئۇلار <دولان غىرجىكى> ۋە <قۇمۇل غىرجىكى> دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. دولان غىرجىكى ئەڭ قەدىمكى غىرجەكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بارلىق غىرجەكلەرنىڭ ئەجدادىدۇر. ئۇنىڭ باش قىسمى (ئاۋاز قاپىقى) ئۈجمە ياغىچىدىن ياپىلاقراق يېرىم شار شەكلىدە ياسىلىدۇ. دېئامېتىرى 16 سانتىمېتىرى (بەزىلىرىنىڭ 41 سانتىمېتىرى ئەتراپىدا)، يۈزلۈكىگە ئۆچكە ۋە يىلان تېرىسى كېرىلىدۇ. تېرە كېرىلگەن يۈزلۈكى سەل تارراق بولىدۇ. ئىككى تال ئاساسلىق ئورۇندىلىدىغان تارى ۋە 10 نەچچە تال ئەكىس سادا تارلىرى بولىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 80 سانتىمېتىرى، سول پۇت تېقىمى ئۈستىگە قويۇلۇپ، سول قولدا پەدە بېسىپ، ئوڭ قولدا كامانچە سىيرىش ئۇسۇلى بىلەن چېلىنىدۇ. ئاۋازى گۈزەل، مۇڭلۇق بولىدۇ. بۇ خىل غىرجەك ئاساسەن تارىم دەرياسى بويلىرىدىكى دولان بوستانلىقىلىرىدا كۆپرەك تارقالغانلىقتىن <دولان غىرجىكى> دەپ ئاتالغان. قەدىمكى غىرجەك بۇرۇنلا مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ، خەنزۇچە تارىخنامىلەردە <خۇچىن، ئېرخۇ> دەپ ئاتالغان ھەم چىڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخنامىلىرىدىمۇ تۈرك تىلى تەلەپپۇزى بويىچە <غىرجەك> (哈尔扎克) دەپ خاتىرىلەنگەن. "
← بارلىق تېمىلار ئۇ چالغۇلىرى