UyghurWiki
UyghurWikiئۇ چالغۇلىرىچاپلىما راۋاب

چاپلىما راۋاب

ئۇيغۇر چالغۇلىرى بۇ ئۈجمە ۋە ئۈرۈك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. بۇ خىل راۋاب ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى سابىق ئۈرۈمچى مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار زاۋۇتى تەرىپىدىن قەشقەر راۋابىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ، ئىسلاھ قىلىنىپ ياسالغان يېڭى نۇسخىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ خىل راۋابنىڭ بېشى دۇتارغا ئوخشاش ياغاچ تالالىرىدىن يېرىم شار شەكلىدە چاپلىنىپ ياسىلىپ، يۈزىگە يىلان تېرىسى كېرىلىپ، دەستىسىگە پۈتۈنلەي مېتالدىن پەدە قويۇلىدۇ. باش (ئاساسلىق) پەدىلەر ئارىلىقى ئەنئەنىۋى راۋابلاردەك بوش قالدۇرۇلماستىن، 12 تەكشى ئاھاڭلار تىزىلمىسى قائىدىسى بويىچە باشتىن - ئاياغ تولۇق پەدە بېكىتىلگەن بولىدۇ. بۇ خىل راۋابنىڭمۇ سىرتقى ياغاچ يۈزىگە سۆڭەك ۋە سۇلياۋدىن گۈللۈك نەقىشلەر قويۇلۇپ ياسىلىدۇ. ئۇنىڭغا جەمئىي بەش تال سىم سېلىنىدۇ. بۇ خىل راۋابنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق، مۇڭلۇق بولۇپ، سىرتقى شەكلى ۋە ھەجىمى قەشقەر راۋابىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. چېلىش ئۇسۇلىمۇ قەشقەر راۋابى بىلەن ئوخشاش.
← بارلىق تېمىلار ئۇ چالغۇلىرى
چاپلىما راۋاب | UyghurWiki | UyghurWiki