UyghurWiki
UyghurWikiئۇ چالغۇلىرىباس غىرجەك

باس غىرجەك

ئۇيغۇر چالغۇلىرى بۇ يۇقىرىقى يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىنغان غىرجەكنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن چوڭايتىپ ياسالغان تۆۋەن ئاۋازلىق چالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ئوركېستىرىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ ئومومىي قۇرۇلمىسى ۋە ياساش ئۇسۇلى غىرجەك بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، بىراق ھەجمى چوڭ، ئاۋازى تۆۋەن بولۇپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ يەرگە تىكلەپ، سول قولدا پەدە بېسىپ، ئوڭ قولدا كامانچە تارتىش ئارقىلىق چېلىنىدۇ. باس غىرجەكنىڭ ئېگىزلىكى چوڭ ئىسكىرىپكا بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، تۆت تار سېلىنىدۇ. چېلىش ئۇسۇلىمۇ كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇ چالغۇلىرى
باس غىرجەك | UyghurWiki | UyghurWiki