UyghurWiki
UyghurWikiئۇ چالغۇلىرىدۇتار

دۇتار

ئۇيغۇر چالغۇلىرى بۇ ئۇزۇن دەستىلىك چالغۇ بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 130 سانتىمېتىر، بېشى يوغان نەشپۈت شەكلىدە، كۆپرەك ئۈجمە ياغىچىنىڭ تالالىرىدىن چاپلىنىپ ياسىلىدۇ. يۈزلۈكى تەمبۈرگە ئوخشاش نېپىز ئۈجمە ياغىچىنىڭ تاختىسىدىن ياسىلىدۇ. دەستىسىگە كىرىچتىن 15 دانە پەدە باغلىنىدۇ. ئىككى تال ئۈچەي ياكى يىپەكتىن ئىشلىگەن (ئالدى زىل، كەينى بوم) تار سېلىنىپ، باش قىسمى ئوڭ پۇت تېقىمى ئۈستىگە قويۇلۇپ، يانتۇ تۇتۇلۇپ، قول بارماقلىرى بىلەن بىۋاستە چېكىپ - سوقۇپ چېلىنىدۇ. ئاۋازى مۇڭلۇق، ئۆزى چېلىپ ئۆزى ناخشىا ئېيتىشقا قۇلايلىق. شۇڭلاشقا، كۆپىنچە تەمبۈر قاتارلىق چالغۇلار بىلەن بىللە ياكى يالغۇز ئورۇندىلىدۇ. دۇتار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىدا ئەڭ كەڭ ئۇمۇملاشقان چالغۇ بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇش شارائىتىدا خەلقىمىزنىڭ مۇزىكىلىق ھېسسىياتىنى تەربىيلەش ۋە يېتىلدۈرۈشىدە رولى ئىنتايىن زور. دۇتارنىڭ دەستىسى، بېشى قاتارلىق ئورۇنلارغا سۆڭەك ۋە سۇلياۋدىن تۈرلۈك مىللىيچە نەقىشلەر قويۇلۇپ نەپىس ياسىلىدۇ. تارلىرى <چوڭ ساز> <كىچىك ساز> دىن ئىبارەت ئىككى خىل تەڭشىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇ چالغۇلىرى
دۇتار | UyghurWiki | UyghurWiki