بالىمان
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ تۈز تۇتۇپ، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇ بولۇپ، پۈۋلەيدىغان ئۇچى ياپىلاقلىنىپ، توغرىسىغا ياغاچ قىستۇرۇلىدۇ. ئۈستىدە كۆپلىگەن تۆشۈكچىلەر بولىدۇ ۋە نەيگە ئوخشاش بارماقلار بىلەن بېسىپ چېلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 28 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋاز تۈسى ئوتتۇرا ئاۋازغا مايىلراق بولۇپ، قومۇشنىڭ تىترىشىدىن پەيدا بولىدىغان ئاجايىپ يېقىملىق بىر خىل تۈسكە ئېگە. ئۇ خوتەن رايونىدا ناھايىتى كەڭ تارقالغان. ھازىرقى بالىمان سەككىز تۆشۈكلۈك بولۇپ، بارماق بېسىش قائىدىسى نەي بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.
بالىمان ئەڭ قەدىمكى چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، <قالۇنلار قامۇسى> دا <بىلى >دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا <پىپى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
شىنجاڭدىكى مىڭئۆي رەسىملىرىدە مەيلى خەن، جىن سۇلالىسى ياكى جەنۇبىي ياكى جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەردىن تاكى سۈي سۇلالىسىغىچە بولغان دەۋرلەردە بولسۇن، ھەممىسىدە بالىمان ھەققىدە ئېنىق تەسۋىرلەر بار. ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن بالىمانلار ئاساسەن يەتتە تۆشۈكلۈك. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرپان مىڭئۆيلىرىدە يەنە قوش بالىمان (بىر - بىرىگە چېتىلغان) چېلىۋاتقان سازەندە رەسىمىمۇ ساقلانغان.