UyghurWiki
UyghurWikiئۇ چالغۇلىرىكامانچە

كامانچە

ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ ئىپتىدائىي ئۇيغۇر چالغۇسى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا ئىشلەتكەن ئوقياغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان چەكمە چالغۇدۇر. مىلادىيەنىڭ ئالدى - كەينىدە كامانچىنىڭ تارى (يىپى) بىر تالدىن كۆپ تاللىققا كۆپەيتىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلۇش ئارقىلىق <غۇنقا> دەپمۇ ئاتالغان. كامانچە بارلىق چەكمە چالغۇلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ، بۇنىڭدىن بىر قانچە مىڭ يىل ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن ھەمدە مىلادىيەدىن ئىلگىرى ۋە مىلادىيەنىڭ ئالدى - كەينىدە خېلى ئۇزاق دەۋرلەرگىچە كەڭ قوللىنىلغان، گەرچە كامانچە توغرۇلۇق يازما ماتېرىياللاردا ئېنىق مەلۇمات كۆپ بولمسىمۇ، ئەمما Ⅲ ئەسىردە سىزىلغان باي ناھىيىسى <قىزىل مىڭئۆي> - لىرىنىڭ 38 - نومۇرلۇق ھۇجرىسىنىڭ تاملىرىدا ئۇنىڭ ئىنتايىن ئېنىق سىزىلغان رەسىمى ۋە سول قولىدا كامانچە تۇتۇپ، ئوڭ قول بارمىقى بىلەن تارنى ئىلىپ ساز چېلىۋاتقان <ئەرش نەغمىسى> سازەندىسىنىڭ ناھايىتى مۇكەممەل رەسىمى ھازىرغىچە ساقلانماقتا. كېيىنكى دەۋلەردە كامانچىنىڭ تارى (يىپى) ئورنىغا ئاتنىڭ قۇيرۇق قىلىنى باغلاپ، ئۇنى تارلىق چالغۇلارغا سۈركەپ ئاۋاز چىقىرىدىغان چالغۇلار (غېجەكنىڭ ئىپتىدائىي نۇسخىلىرى) كەشىپ قىلىنىپ، خېلى بىر مەزگىلگىچە ئۇلارمۇ <كامانچە> دەپ ئاتالغان ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كامانچىلىق چالغۇ تۈرى مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇ چالغۇلىرى