دىلتار
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ يېقىنقى زامانلاردىن بىرى مەيدانغا كەلگەن قوش ئىقتىدارلىق چالغۇ بولۇپ، ئۇنى شىنجاڭ مۇقام ئامسامبىلىنىڭ چالغۇ ياساش ئۇستىسى ئابدۇللا مەجنۇن 1986 - يىلى ياساپ چىققان.
دىلتار ئۈجمە ۋە ئامۇت ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ. ئۇ كامانچىلىق ۋە چەكمە چالغۇلارنىڭ ئىقتىدارى بىرلەشتۈرۈلگەن قوش ئىقتىدارغا ئىگە ئۇنىۋېرسال چالغۇ. ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 551 سانتىمېتىرى، 30 تال سىم تار سېلىنىدۇ. ئۇزۇن دەستىلىك كامانچلىق قىسىمىنىڭ ئاۋازى مۇڭلۇق، سىلىق، ئۇزۇنلۇقى 120 سانتىمېتىرى، 14 تارلىق بولۇپ، بىرلا تارى ئاساسلىق ئورۇندىلىدىغان تار، قالغانلىرى ئەكىس سادا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە قۇچاقتا تىك قويۇلۇپ كامانچە سىيرىپ چېلىنىدۇ. قىسقا دەستىلىك چەكمە قىسمىنىڭ ئاۋازى ياڭراق، جۇشقۇن، ئۇزۇنلۇقى 85 سانتىمېتىرى، 16 تارلىق بولۇپ، ئىككى جۈپ ئاساسلىق چېلىنىدىغان <e1> ۋە <a> ئاھاڭلىرىغا تەڭشىلىدۇ، قالغانلىرى سادا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە قۇچاقتا يانتۇ قويۇپ زەخمەك بىلەن چېلىنىدۇ.
دىلتارنىڭ بېشى چوڭ ۋە ياپىلاقراق بولۇپ، ئىككىلا چالغۇ دەستىسى ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال ئەكىس سادا قايتۇرۇش رولى بويىچە لايىھىلەنگەن. ئۇ پۈتۈن ياغاچتىن ئىچى ئويۇلۇپ ياسىلىپ، يۈزلۈكىگە نېپىز تاختاي قويۇلىدۇ. باش قىسمى يۈزلۈكىنىڭ ئاستىغا قانات كېرىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، دىلتارنىڭ ھۆسنىگە ئالاھىدە ھۆسىن قوشقان. بۈركۈتنىڭ قۇيرۇقى چالغۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە.
يۈزلۈكىگە مۇزىكا گىربېنىڭ شەكلى ئويۇپ چىقىرىلغان بولۇپ، ھەر ئىككى دەستىسىنىڭ ئۈستىگە ياغاچتىن ئويۇپ ياسالغان. قۇببە شەكىللىك مۇنار بېشى بېكىتىلىپ مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن ھەمدە ئۈستىگە مىللىي پاسوندا نەقىشلەر ئويۇلغان.
دىلتار 1988 - يىلى دۆلەت دەرىجىلىك پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، شۇ يىلى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن <جۇڭگو قول ھۈنەر - سەنئەت بويۇملىرى كۆرگەزمىسى> گە قويۇلغان ھەمدە توكيۇ، لوندون قاتارلىق چەت ئەل چوڭ شەھەرلىرىدە ئورۇندىلىپ خەلقنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.
دىلتار بىلەن ئورۇندالغان مۇقاملاردىن ئارىيىلەر مەملىكەت بويىچە 2 - ۋە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.