تەپەككۇر شەكلى
تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر
تەپەككۇر شەكلى ئاساسەن ئۇقۇم، ھۆكۈم قىلىش ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇقۇم ئادەم مېڭىسىنىڭ شەيئىلەرنىڭ ئادەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىگە بولغان ئىنكاسىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، «مېۋە - چېۋە» دېگەن بۇ ئۇقۇم ئالما، نەشپۈت، شاپتۇل، بانان قاتارلىق مېۋە - چېۋىلەرنىڭ ئورتاق ۋە ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى. بەزى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قارىشىچە، «ئۇچالايدىغان ھايۋانلار» قۇش تىپىدىكىلەرگە كىرىدىكەن، بۇنداق بولغاندا، ھەسەل ھەرىسى، كېپىنەك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قۇش تىپىغا كىرىپ كېتىپ، توخۇ، ئۆردەك قاتارلىق ئۇچالمايدىغانلار قۇش دەپ قارالمايدۇ، بۇنىڭدىن «ئۇچالايدىغان ھايۋانلار» نىڭ قۇشلارنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. »قۇش« ئۇقۇمىنى ئىگىلىمىگەنلىكتىن، يۇقىرىقىدەك ئۇقۇشماسلىق پەيدا بولغان.
ھۆكۈم قىلىش شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە بولغان ئىنكاستىن ئىبارەت. مەسىلەن، بىز «ئەتىر گۈل بىر خىل گۈل» دېگىنىمىزدە، ئەتىر گۈل بىلەن باشقا گۈللەر ئورتاق ئىگە بولغان ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىككە ھۆكۈم قىلغان بولىمىز؛ بىز «مۇھەممەت ئەخمەتنى تونۇمايدۇ» دېگىنىمىزدە، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشمىغان ۋە ئالاقىلەشمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغان بولىمىز؛ بىز «چاقماقتىن كېيىن گۈلدۈرماما بولىدۇ» دېگىنىمىزدە، چاقماق بىلەن گۈلدۈرمامىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى تەبىئەت ھادىسىسى ئارىسىدىكى ئادەمنىڭ ئىدراكىدىكى ئىلگىرى - كېيىنلىك مۇناسىۋىتىگە ھۆكۈم قىلغان بولىمىز.
ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش بىر ياكى بىرقانچە مەلۇم بولغان ھۆكۈم ئىچىدىن يېڭى ھۆكۈم چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئاساسەن ئىندۇكسىيىلىك ئەقلىي خۇلاسە ۋە دېدۇكسىيىلىك ئەقلىي خۇلاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىندۇكسىيىلىك ئەقلىي خۇلاسە مەلۇم بولغان بىرقانچە كونكرېت ھۆكۈم ئىچىدىن يېڭى ھۆكۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، «ئالمىدا نۇرغۇن ۋىتامىن بار» ۋە «نەشپۈت بىلەن شاپتۇلدىمۇ نۇرغۇن ۋىتامىن بار» دېگەندىن «مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدە نۇرغۇن ۋىتامىن بار» دېگەن ئەقلىي خۇلاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ. دېدۇكسىيىلىك ئەقلىي خۇلاسە بىرقەدەر ئابستراكت ھۆكۈم ئىچىدىن بەزى يېڭى، كونكرېت ھۆكۈملەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، «قۇشلارنىڭ بەدىنىدە پەي بار» ۋە «بۇلبۇلمۇ قۇش» دېگەندىن «بۇلبۇلنىڭمۇ بەدىنىدە پەي بار» دېگەن ئەقلىي خۇلاسىگە كەلگىلى بولىدۇ.
ئۇقۇم، ھۆكۈم، ئەقلىي خۇلاسە بىر - بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇلاردىن ئۇقۇم ئاساس بولۇپ، تەپەككۇرنىڭ »ھۈجەيرىسى« ھېسابلىنىدۇ.