تەپەككۇر پەزىلىتى
تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر
تەپەككۇر پەزىلىتى ئادەملەر تەپەككۇر جەريانىدا ئىپادىلىگەن بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، سەزگۈرلۈك، جانلىقلىق، چوڭقۇرلۇق، ئىجادچانلىق ۋە تەنقىدچانلىق قاتارلىقلار.
تەپەككۇر سەزگۈرلۈكى، تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ سەزگۈرلۈك سۈرئىتىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئادەملەر مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە چېچەن بولۇپ، ئىنكاسى ناھايىتى تېز بولىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا، گالراق، ئىنكاسى ئاستىراق كېلىدۇ. تەپەككۇر سەزگۈرلۈكىنى يېتىلدۈرۈشكە بولىدۇ، ئادەتتە ھەر خىل شەيئىلەرنى كۆپرەك كۆزىتىش، مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش سۈرئىتىنى مەقسەتلىك مەشىق قىلىش ئارقىلىق سەزگۈر تەپەككۇرنى تەدرىجىي يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
تەپەككۇرنىڭ جانلىقلىقى، تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ جانلىقلىق دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى كىشىلەر ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ «بىرىدىن بىرقانچىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ»؛ يەنە بەزىلەر ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن جانلىق پايدىلىنالمايدۇ. تەپەككۇرنىڭ جانلىقلىقىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئادەتتە ئۆزىنىڭ پىكىر يولىنى ئاچىدىغان مەشىقنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك قىلىشى، ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن ئىمكانقەدەر تولۇق پايدىلىنىپ، بۇ بىلىملەرنى «جانلاندۇرۇشى» كېرەك.
تەپەككۇرنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. بەزىلەر مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە، دائىم ئومۇملاشتۇرۇپ تۈرگە ئايرىشقا، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى تۇتۇشقا، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالدىن كۆرۈشكە ماھىر كېلىدۇ، بەزى ئادەملەر بولسا مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە ھامان يۈزەكى ھادىسىلەر ئۈستىدىلا توختاپ قېلىپ، ماھىيەتلىك نەرسىلەرنى تۇتالمايدۇ. تەپەككۇرنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى يېتىلدۈرۈشتە ئىشنى يىغىنچاقلاش قابىلىيىتى، تۈرلەرگە ئايرىپ سېلىشتۇرۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتىن باشلاش كېرەك.
تەپەككۇرنىڭ ئىجادچانلىقى تەپەككۇر پائالىيىتىدىكى ئىجاد قىلىش روھىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشى بولىدۇ، قاراشلىرى يېڭى، ئۆزگىچە بولىدۇ. يەنە بەزىلەر مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلانغاندا باشقىلارغا ئەگىشىپ كېتىدۇ، تەييار قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالىدۇ. مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش تەپەككۇردىكى ئىجادچانلىقنىڭ مەنبەسى.
تەپەككۇرنىڭ تەنقىدچانلىقى تەپەككۇر پائالىيىتىدىكى ئانالىز ۋە تەنقىدنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. بەزىلەر شەيئىلەرنىڭ يېتىشسىزلىكلىرى ۋە ئاجىز ھالقىلىرىنى بايقاشقا ماھىر كېلىدۇ، بەزىلەردە مۇنداق تەنقىد ئىقتىدارى بولمايدۇ. تەپەككۇرنىڭ تەنقىدچانلىقى گۇمانلىنىشقا ھېرىسمەن بولۇشتەك ياخشى ئادەت ئۈستىگە ئورنىتىلىشى كېرەك، شۇڭا تەھلىل قىلىشقا ماھىر بولۇش، گۇمانلىنىشقا جۈرئەت قىلىش تەپەككۇرنىڭ تەنقىدچانلىقىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.