UyghurWiki
UyghurWikiتەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرتەسەۋۋۇر

تەسەۋۋۇر

تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر شەيئىلەرنى بىلىش جەريانى سەزگۈ، دىققەت، ئەستە ساقلاش ۋە تەپەككۇردىن باشقا يەنە تەسەۋۋۇرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەسەۋۋۇر ئەسلىدىكى ئوبرازدىن پايدىلىنىپ ئادەم مېڭىسىدە يېڭى ئوبراز شەكىللەندۈرۈش جەريانى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇزۇن سەپەر توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئوقۇسا، مېڭىسىدە قىزىل ئارمىيىنىڭ ئەينى يىللىرى قارلىق تاغلاردىن، سازلىقلاردىن ئۆتكەن، سانسىزلىغان جاپا- مۇشەققەتلەر ئۈستىدىن غالىب كەلگەن بىر قاتار ئوبرازلىرى مېڭىسىدە پەيدا بولىدۇ، مانا بۇ تەسەۋۋۇردۇر. تەسەۋۋۇر ئاڭسىز تەسەۋۋۇر ۋە ئاڭلىق تەسەۋۋۇر دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئاڭسىز تەسەۋۋۇر ھېچقانداق مەقسەت بولمىغان، تىرىشچانلىقمۇ كەتمەيدىغان تەسەۋۋۇرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، دەرسخانىدا پەيدا بولىدىغان «خىيالى باشقا ياقلارغا كېتىش» مۇشۇ خىل ئاڭسىز تەسەۋۋۇرغا كىرىدۇ. مەقسەتلىك تەسەۋۋۇر قايتا تەسەۋۋۇر، ئىجادىي تەسەۋۋۇر ۋە خام خىيالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قايتا تەسەۋۋۇر مۇئەييەن يېزىق تەسۋىرىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەسەۋۋۇر، مەسىلەن، گەرچە سىز پىرامىدانى كۆرۈپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ، بىراق پىرامىدا تونۇشتۇرۇلغان تەسۋىرىي ماقالىلەر ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز بولىدۇ. ئىجادىي تەسەۋۋۇر بولسا ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ئوبرازلارنى كاللىدا پەيدا قىلىشتۇر، مەسىلەن، قەدىمكى زامان ئەپسانىلىرىدىكى ساھىبجامال بېلىقنىڭ ئوبرازى، ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ھەر خىل بەدىئىي ئوبراز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىجادىي تەسەۋۋۇرنىڭ نەتىجىسى. خام خىيال كىشىلەرنىڭ كېلەچەككە بولغان بىر خىل تەسەۋۋۇرى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدىگە ئاساسەن، ئۆزى ياكى باشقا شەيئىلەرنىڭ يىراق كەلگۈسىگە بولغان تەسەۋۋۇرى. بالىلار چۆچەكلىرىدىكى ئوبرازلار، ئىلمىي فانتازىيىدىكى ئوبرازلار، دىنىي ئوبرازلارنىڭ ھەممىسى خام خىيالنىڭ مەھسۇلى. ئوبيېكىپ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان تەسەۋۋۇر غايە؛ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان تەسەۋۋۇر قۇرۇق خىيال بولىدۇ. غايە كىشىلەرنىڭ پائال ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىگە ئىنتىلىشىگە، ئىلگىرىلەش يولىدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. ئالىيجاناب غايە كىشىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مەنىۋى كۈچ. تەسەۋۋۇر تەپەككۇرنى جانلاندۇرۇش، بىلىش پائالىيىتى ۋە ئىجادىي پائالىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېقىندىن ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا ھەركىم ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپرەك كۆزىتىشى، كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈشى، بەدىئىي ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇشى، ئەمەلىيەتكە كۆپرەك قاتنىشىشى، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى تىرىشىپ كۆپەيتىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، تەسەۋۋۇر قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر