UyghurWiki
UyghurWikiتەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرتەپەككۇر

تەپەككۇر

تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر تەپەككۇر ئادەم مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى ۋاسىتىلىك ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈشى بولۇپ، ئۇ بىلىش جەريانىنىڭ يۇقىرى باسقۇچى. كىشىلەر تەپەككۇرغا تايىنىپلا ئۈنۈملۈك ئۆگىنەلەيدۇ، بىلىم - تەجرىبىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ، تەبىئەتكە ماسلىشالايدۇ ۋە ئۇنى ياخشىلىيايدۇ، شۇڭا ئۇنى كۆڭۈلنىڭ مەركىزىي تۈگۈنى دەيمىز. كىشىلەر ئەتىگەندە دېرىزە تەكچىسىنىڭ ھۆل بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپلا كېچىدە يامغۇر ياغقانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، «يامغۇر يېغىش» ۋەقەسى كىشىلەرگە بىۋاسىتە كۆرۈنمىسىمۇ، بىراق كىشىلەر تەپەككۇر پائالىيىتى ئارقىلىق كېچىدە يامغۇر ياغقانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى ۋاسىتىلىك بىلىدۇ. بۇ ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى ۋاسىتىلىك ئەكس ئەتتۈرۈش بولىدۇ. ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈش دېگىنىمىز، ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نەرسە شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى ئومۇملاشتۇردى، دېگەنلىك بولىدۇ. ئوبيېكتىپ رېئاللىقتىكى شەيئىلەر رەڭگارەڭ بولۇپ، بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدۇ. مەسىلەن، دەرەخنىڭ خىللىرى تۈرلۈك - تۈمەن بولسىمۇ، بىراق كىشىلەر پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنى «دەرەخ» قە ئومۇملاشتۇرىدۇ، بۇ، ئادەمنىڭ دەرەخنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر