UyghurWiki
UyghurWikiتەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرتەپەككۇر جەريانى

تەپەككۇر جەريانى

تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر تەھلىل قىلىش، ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇش، سېلىشتۇرۇش، ئابستراكتلاشتۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىقلار تەپەككۇرنىڭ ئاساسىي جەريانى ھېسابلىنىدۇ. تەھلىل قىلىش بىر پۈتۈن شەيئىنى كاللىدا پارچىلاپ، ئۇنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش جەريانىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، بىز ئۆسۈملۈكلەرنى يىلتىزى، غولى، يوپۇرمىقى، گۈلى، مېۋىسى ۋە ئۇرۇقى دەپ؛ ھايۋانلارنى بېشى، بەدىنى، پۇتى ۋە قۇيرۇقى دەپ ئايرىيمىز ۋەھاكازالار. ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇش شەيئىلەرنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنى كاللىدا بىرلەشتۈرۈپ پىكىر قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، بىز ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ۋەقەلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ مۇكەممەل نەرسىگە ئايلاندۇرىمىز، بىر پارچە رەسىمنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر پۈتۈن رەسىمگە ئايلاندۇرىمىز ۋە باشقىلار. سېلىشتۇرۇش، شەيئىلەرنى كاللىدا سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان نۇقتىلىرىغا ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، ئالما بىلەن نەشپۈتنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مېۋىلىك ئالاھىدىلىكىنى بايقاش بىلەن بىللە، شەكلى ۋە تەملىرىنىڭ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولىدۇ. ئابستراكتلاشتۇرۇش شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن ماھىيەتلىك بولمىغان ئالاھىدىلىكىنى كاللىدا پەرقلەندۈرۈش جەريانىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، سىزگە قىزىل، يېشىل ۋە كۆك رڭلىك ئۈچ دانە ئۈچبۇلۇڭلۇق سىزغۇچ بېرىلگەندە، سىز ئابستراكىت تەپەككۇر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى (ھەممىسى ئۈچبۇلۇڭلىق شەكىل) بىلەن ماھىيەتلىك بولمىغان ئالاھىدىلىكى (ئۇلارنىڭ رەڭگى ئوخشىمايدۇ) نى تېپىپ چىقالايسىز. ئومۇملاشتۇرۇش شەيئى ۋە ھادىسىلەردە ئورتاق بولغان ئادەتتىكى نەرسىلەرنى ئايرىپ چىقىش ھەمدە مۇشۇ ئاساستا ئۇلارنى كاللىدا بىرلەشتۈرۈش جەريانىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا توققۇز خىل جىنايەت بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، بىراق مەيلى قايسى خىل جىنايەت بولسۇن، ئۇلاردا مۇنداق ئۈچ ئالاھىدىلىك مەۋجۈت: بىرى، جەمئىيەتكە زىيانلىق قىلمىشلار؛ يەنە بىرى، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلار؛ ئۈچىنچىسى، جىنايى ئىشلار بويىچە جازالىنىدىغان ۋە بىر تەرەپ قىلىنىدىغان قىلمىشلار. مانا مۇشۇنداق ھەر خىل جىنايى ئىشلاردا ئورتاقلىققا ئىگە بولغان ئاساسىي ئالاھىدىلىكلەرنى ئابستراكتلاش ۋە بىرلەشتۈرۈش جەريانى ئومۇملاشتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر
تەپەككۇر جەريانى | UyghurWiki | UyghurWiki