UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە يىغىنلىرىجۇڭگو مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى

جۇڭگو مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى

تەنتەربىيە يىغىنلىرى 1949 - يىلىدىن ئىلگىرى جۇڭگودا يەتتە نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. تۇنجى نۆۋەتلىكى چىڭ سۇلالىسى شۈەنتۇڭنىڭ2 - يىلى (1910) ئۆتكۈزۈلگەن. ئەينى چاغدا »مەملىكەتلىك مەكتەپلەر رايون كوماندىلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق تەنتەربىيە بىرلەشمىسى« دەپ ئاتالغان. مۇسابىقە تۈرلىرى پەقەتلا ئەرلەر يېنىك ئاتلېتىكا، پۇتبول، ۋاسكېتبول، تېننىستىن ئىبارەت تۆت تۈر بولغان. كېيىنكى ئالتە نۆۋەتلىكتە كۆلىمى تەدرىجىي كېڭەيگەن، مۇسابىقە تۈرلىرىمۇ كۆپەيگەن، ئەمما بۇ يەتتە نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بىر رېكورتىمۇ خەلقئارا سەۋىيىگە يەتمىگەن. يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى1959 - يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەر10 مىڭدىن ئاشقان. جەمئىي36 تۈرلۈك مۇسابىقە ۋە ئالتە تۈرلۈك ئويۇن كۆرسىتىش تەسىس قىلىنغان. يەتتە ئادەم تۆت تۈردە تۆت قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.2 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى1965 - يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئېچىلىش مۇراسىمىدا16 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم چوڭ تىپتىكى كوللېكتىپ گىمناستىكا »ئىنقىلابقا مەدھىيە ناخشىسى«نى ئورۇندىغان. مۇسابىقىگە جەمئىي5014 كىشى قاتناشقان.22 مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنىپ،24 ئادەم10 قېتىم توققۇز تۈردە دۇنيا رېكورتىنى،330 ئادەم469 قېتىم130 تۈردە مەملىكەت رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.3 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى1975 - يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، تەيۋەن ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان31 ۋەكىللەر كوماندىسى قاتناشقان. مۇسابىقە تۈرلىرىدىن چوڭلار گۇرۇپپىسىدا28 تۈر، ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىدا سەككىز تۈر، يەنە ئالتە تۈرلۈك ئويۇن كۆرسىتىش تەسسىس قىلىنغان. بىر كوماندىدىكى تۆت ئادەم ئۈچ تۈردە ئالتە قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىككى ئادەم ئىككى تۈردە ئىككى قېتىم دۇنيا رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن.49 كوماندىدىكى83 ئادەم62 تۈردە197 قېتىم مەملىكەت رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان، تۆت كوماندىدىكى36 ئادەم58 تۈردە144 قېتىم مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى1979 - يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، تەيۋەن ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان31 ۋەكىللەر كوماندىسىدىن15 مىڭدىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى قاتنىشىپ، چوڭلار گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرىدىن34 تۈر، ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى تۈرى تەسىس قىلىنغان. بەش ئادەم بەش تۈردە بەش قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان، ئىككى ئادەم ئۈچ تۈردە ئۈچ قېتىم دۇنيا ياشلار رېكورتىنى بۇزغان، ئۈچ ئادەم ئۈچ قېتىم ئۈچ تۈردە دۇنيا رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن،36 كوماندىدىكى204 ئادەم102 تۈردە376 قېتىم مەملىكەتلىك رېكورتنى، ئىككى كوماندىدىكى ئالتە ئادەم بەش تۈردە10 قېتىم مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى1983 - يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،25 تۈرلۈك مۇسابىقە، بىر تۈرلۈك ئويۇن كۆرسىتىش تەسىس قىلىنغان،31 ۋەكىللەر كوماندىسىدىن8943 نەپەر تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. ئىككى ئادەم ئىككى تۈردە ئۈچ قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان، تۆت ئادەم ئۈچ تۈردە بەش قېتىم دۇنيا رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن، بىر قېتىم دۇنيا ياشلار رېكورتىنى ياراتقان. يەتتە ئادەم توققۇز تۈردە12 قېتىم ئاسىيا رېكورتىنى بۇزغان.38 كوماندىدىكى64 ئادەم60 تۈردە142 قېتىم مەملىكەتلىك رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان.6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى1987 - يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى ئېلىمىز تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور تەنھەرىكەت يىغىنى ھېسابلىنىدۇ، جەمئىي37 كوماندىدىن7228 نەپەر تەنھەرىكەتچى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان،44 تۈرلۈك مۇسابىقە تەسىس قىلىنغان. ئىككى كوماندىدىكى10 ئادەم15 تۈردە17 قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان، ئۈچ ئادەم ئۈچ تۈردە دۇنيا رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن، ئىككى ئادەم ئىككى تۈردە ئىككى قېتىم دۇنيا رېكورتىدىن ھالقىپ كەتكەن. بىر كوماندىدىكى18 ئادەم17 تۈردە24 قېتىم ئاسىيا رېكورتىنى بۇزغان،10 ئادەم10 تۈردە14 قېتىم ئاسىيا رېكورتىنى ياراتقان،28 ئادەم21 تۈردە39 قېتىم ئاسىيا رېكورتىدىن ھالقىپ كەتكەن.14 كوماندىدىكى85 ئادەم82 تۈردە168 قېتىم مەملىكەت رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى1993 - يىل9 - ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ زور، سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى مەزگىلدىكى بىرقانچە تۈرنىڭ مۇسابىقىسىگە ۋە چېڭدۇ مۇسابىقە رايونىدىكى تۈرلەرنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەردىن باشقا، بېيجىڭ ئاساسىي مۇسابىقە رايونىدا ئازادلىق ئارمىيە ۋە كەسپىي تەنتەربىيە جەمئىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان45 ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ4228 نەپەر تەنھەرىكەتچىسى،1200 نەپەر مەشقاۋۇل قاتناشقان، ئۇنىڭغا ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئۆمەك خادىملىرىنى قوشقاندا ئومۇمىي ئادەم سانى7551 نەپەرگە يەتكەن. جەمئىي تۆت ئادەم تۆت تۈردە تۆت قېتىم دۇنيا يېڭى رېكورتىنى ياراتقان، تۆت كوماندىدىكى18 ئادەم21 تۈردە43 قېتىم دۇنيا رېكورتىدىن ھالقىپ كەتكەن، تۆت ئادەم ئۈچ تۈردە تۆت قېتىم دۇنيا رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن. بىر كوماندىدىكى54 ئادەم34 تۈردە93 قېتىم ئاسىيا يېڭى رېكورتىنى ياراتقان، ئۈچ كوماندىدىكى61 ئادەم66 تۈردە143 قېتىم ئاسىيا رېكورتىدىن ھالقىپ كەتكەن.14 كوماندىدىكى130 ئادەم117 تۈردە273 قېتىم مەملىكەتلىك يېڭى رېكورتنى ياراتقان.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە يىغىنلىرى