UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە يىغىنلىرىدۇنيا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنى

دۇنيا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنى

تەنتەربىيە يىغىنلىرى دۇنيا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنى خەلقئارا ستۇدېنتلار تەنتەربىيە بىرلەشمىسى ئۆتكۈزىدىغان دۇنياۋى ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت يىغىنى بولۇپ، پەقەتلا ستۇدېنتلار قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ «كىچىك ئولىمپىك» دېگەن نامى بار. ئەڭ بالدۇرقى خەلقئارالىق ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنى1923 - يىلى فرانسىيىنىڭ دول شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. كېيىن ۋارشاۋا، رىم قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا قاتناشقان دۆلەتلەر كۆپ ئەمەس، تۈرلەرمۇ ناھايىتى ئاز بولغان.1938 - يىلىدىن كېيىن،2 - دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈزۈلۈپ قېلىپ،1947 - يىلىغا كەلگەندە يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.1957 - يىلى فرانسىيە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پارىژدا خەلقئارا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە خەلقئارا مەدەنىيەت بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش بايرىمى ئۆتكۈزگەن. يىغىنغا قاتناشقان30 نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى بۇنىڭدىن كېيىن قەرەللىك ھالدا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى ھەمدە پرىنسىپ جەھەتتىن ھەر ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈشنى بىردەك ماقۇللىغان. مۇسابىقە جەمئىي توققۇز تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: يېنىك ئاتلېتىكا، سۇ ئۈزۈش، سۇغا سەكرەش، سۇ توپ، گىمناستىكا، شەمشەرۋازلىق، تېننىس، ۋاسكېتبول، ۋالىبول. ساھىبخان دۆلەت يەنە بىر تۈرنى قوشۇشقا ھوقۇقلۇق بولغان. تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنى1959 - يىل8 - ئاينىڭ27 - كۈنىدىن9 - ئاينىڭ6 - كۈنىگىچە ئىتالىيىنىڭ تورىنو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئېلىمىز يېنىك ئاتلېتىكا قىسمىدىكى بەزى تۈرلەرنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.1961 - يىلىدىكى2 - نۆۋەتلىكتىن8 - نۆۋەتلىككىچە ئېلىمىز كوماندا ئەۋەتمىگەن.1975 - يىلى ئېلىمىز بولغارىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن9 - نۆۋەتلىك دۇنيا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان. بۇ قېتىملىق يىغىندا جەمئىي10 تۈردە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئېلىمىز پەقەتلا ئۇنىڭ تۆت تۈرىگە قاتنىشىپ خېلى ياخشى نەتىجىگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە نۆۋەتلىك ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئېلىمىز ماھىرلىرى كۆپ قېتىم گىمناستىكا، سۇغا سەكرەش، ئاياللار ۋالىبول تۈرلىرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە يىغىنلىرى