قېيىق ھەيدەش
تەنتەربىيە تۈرلىرى
قېيىق ھەيدەش تەنھەرىكىتىنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن.2000 يىل ئىلگىرى، ئېلىمىزنىڭ مىلۇجياڭ دەرياسىدا «ئەجدىھاسىمان قېيىقلارنىڭ بەسلىشىش» پائالىيەتلىرى بولغان. ھازىرقى زامان قېيىق ھەيدەش تەنھەرىكىتى ئەنگلىيىنىڭ تامېس دەرياسى ۋادىسىدا پەيدا بولغان.400 −500 يىللار ئىلگىرى، بۇ دەريا ئەنگلىيىنىڭ ئاساسلىق سۇ يولى بولۇپ، كېمىچىلەر دائىم قېيىق ھەيدەش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈپ تۇرغان. مۇسابىقە قېيىقى1900 - يىلىدىكى2 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، تۇلۇم قېيىق1936 - يىلىدىكى11 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.
قېيىق ھەيدەش تەنھەرىكىتى قېيىقنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ھەيدەش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ مۇسابىقە قېيىقى، تولۇم قېيىق ۋە قولۋاق دەپ ئۈچ ئاساسىي تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
مۇسابىقە قېيىقىنىڭ گەۋدىسى تار ھەم ئۇزۇن بولۇپ، شەكلى موكىغا ئوخشايدۇ، قېيىققا ھەرىكەتچان ئورۇندۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ، پالاق پالاق ھالقىسىغا قوندۇرۇلۇپ ئۇرۇلىدۇ. مۇسابىقە بىر كىشىلىك، ئىككى كىشىلىك، تۆت كىشىلىك، سەككىز كىشىلىك ۋە روللۇق، رولسىز تۈرلىرىگە بۆلۈنىدۇ. مۇسابىقە ئارىلىقى ئادەتتە2000 مېتىر بولىدۇ.
تۇلۇم قېيىق ئەسلىدە شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئېسكىموسلارنىڭ ھايۋان تېرىسىدىن ياسالغان قېيىقى بولۇپ، پالىقى ئىككى باشلىق بولىدۇ. مۇسابىقە بىر كىشىلىك، ئىككى كىشىلىك ۋە تۆت كىشىلىك دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. مۇسابىقە ئارىلىقى500 مېتىر ۋە1000 مېتىر بولىدۇ.
قولۋاقنىڭ شەكلى چاپما قېيىققا ئوخشايدۇ، گەۋدىسى قىسقا، پالاق قوندىقى يوق، بىر باشلىق پالاقتا ھەيدىلىدۇ. قولۋاق ھەيدەش، قېيىق ھەيدەش ھەرىكىتىدىكى ئەڭ جاپالىق بىر تۈر بولۇپ، ھازىرغىچە ئەرلەر تۈرى بىلەنلا چەكلەنمەكتە. پالاق ئۇرۇشتا تەنھەرىكەتچى بىر پۇتتا تىزلىنىپ، يەنە بىر پۇتىنى پۈكۈپ تۇرىدۇ، مۇسابىقە بىر كىشىلىك ۋە ئىككى كىشىلىك دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. مۇسابىقە ئارىلىقى500 مېتىر ۋە1000 مېتىر بولىدۇ.
قېيىق ھەيدەش ھەرىكىتى نۆۋەتتە ياۋروپادا ئەڭ روناق تاپقان بولۇپ، سەۋىيىسىمۇ ئەڭ يۇقىرى. بولۇپمۇ سابىق دېموكراتىك گېرمانىيە بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى70 - يىللىرىدىن بۇيانقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ۋە دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى دېگۈدەكلا مونوپول قىلىۋالغان.
ئېلىمىزدە بۇ تۈرنىڭ قانات يايغان ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەس.1988 - يىلىدىكى سېئۇل ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا كەلگەندىلا، ئېلىمىزنىڭ ئاياللار مۇسابىقە قېيىقى كوماندىسى كۈچلۈكلەر بىلەن ئېلىشىشتا بىر كۈمۈش ۋە بىر مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىگىلىۋالىدىغان ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئەرلەر مۇسابىقە قېيىقى بىلەن تۇلۇم قېيىقىتۈرىدە ئېلىمىز ئاسىيادا بىرىنچى ئورۇندا مەزمۇت تۇرماقتا.