UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىساغلاملىق - گۈزەللىك تەنھەرىكىتى

ساغلاملىق - گۈزەللىك تەنھەرىكىتى

تەنتەربىيە تۈرلىرى ساغلاملىق - گۈزەللىك تەنھەرىكىتى «ساغلاملىق ھەرىكىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، ئادەم بەدىنى ئاناتومىيىسى، ھەرىكەت فىزىئولوگىيىسى، ھەرىكەت تېبابەتچىلىكى ۋە گۈزەللىك ئىلمىنىڭ قائىدە - پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن كىشىلەرنى ساغلام، گۈزەل تەن تۈزۈلۈشىگە ئىگە قىلىدىغان بىر خىل تەنتەربىيە ھەرىكىتىدۇر. ئۇنىڭدا گانتىل، شتانكا ۋە كۆكرەك كېرىش ئەسۋابى قاتارلىقلاردا چېنىقىش ئارقىلىق بەدەن ساغلاملاشتۇرۇلۇپ، مۇسكۇللار تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. ئادەتتىكى ھازىرقى زامان ساغلاملىق - گۈزەللىك مۇسابىقىسىدە ئەرلەر بەدەن ئېغىرلىقى بويىچە تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. رېپىرىلار ساغلاملىق - گۈزەللىك، سەنئەت، تېبابەت مۇتەخەسسىسلىرىدىن (بەش - يەتتىگىچە كىشى) تەشكىل تېپىپ، قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئۇدۇلدىن، ياندىن، كەينىدىن نامايان قىلغان ئوخشاش بولمىغان تۇرغۇلاردىكى ھەر خىل بەدەن قىياپەت تۈزۈلۈشلىرىنى كۆزىتىپ باھالايدۇ. ساغلاملىق - گۈزەللىك تەنھەرىكىتى قەدىمكى گرېتسىيە دەۋرىدىلا پەيدا بولغان. ئەينى چاغدا كىشىلەر كەڭ كۆكرەك، ھەرىكەتچان ۋە كۈچلۈك بويۇن، قاملاشقان گەۋدە، بۆرتۈپ چىققان بېجىرىم مۇسكۇل، كۈچلۈك ھەم چاققان پۇتلارنى ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلام - گۈزەللىكىدىكى مەركەزلىك ئىپادىلەر دەپ قارىغان.18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ساغلاملىق - گۈزەللىك رەسمىي تۈر سۈپىتىدە ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن. گېرمانىيىلىك شانتاۋ ئەڭ بالدۇر كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئىگە بولغان، مۇشۇ ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىغا كەلگەندە، ساغلاملىق - گۈزەللىك تەنھەرىكىتىدە نوقۇل ئويۇن كۆرسىتىشتىن تەرەققىي قىلىپ مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغان. كېيىن ئەرلەر ساغلاملىق - گۈزەللىك مۇسابىقىسىنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، ئاياللار ساغلاملىق - گۈزەللىك مۇسابىقىسىمۇ قانات يايغان. ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى زامان ساغلاملىق - گۈزەللىك تەنھەرىكىتىمۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ30 - يىللىرى باشلانغان.1943 - يىلى تۇنجى قېتىم شاڭخەيدە ئەرلەرنىڭ ساغلاملىق - گۈزەللىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدە ساغلاملىق - گۈزەللىككە قىزىقىدىغان كىشىلەر كۈنسايىن كۆپىيىپ، نۇرغۇن جايلاردا بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش ئورۇنلىرى، ساغلاملىق - گۈزەللىك سىنىپلىرى قۇرۇلۇپ، كىشىلەر بەس - بەس بىلەن قاتناشماقتا، مەملىكەتلىك ساغلاملىق - گۈزەللىك مۇسابىقىلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆتكۈزۈلمەكتە. نىسبەتەن داڭلىقلىرىدىن مەملىكەتلىك «كۈچ لوڭقىسى» ساغلاملىق - گۈزەللىك مۇسابىقىسى بار.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى