قورشاۋ قاتار
تەنتەربىيە تۈرلىرى
قورشاۋ قاتار ئىككى ئادەم ئويۇنغا چۈشىدىغان ئەقىل تىپىدىكى بىر خىل تەنھەرىكەتتۇر. تاختا يۈزى بويىغا ۋە توغرىسىغا تارتىلغان19 سىزىقنىڭ كېسىشىشىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ،361 كېسىشمە نۇقتا ھاسىل بولىدۇ، ئۇرۇقلار ئاشۇ كېسىشمە نۇقتىلارغا بېسىلىدۇ.
قورشاۋ قاتار ئۇرۇقلىرى قارا، ئاق بولۇپ ئىككى خىل رەڭدە، ھەربىرىدە180 تالدىن بولىدۇ. ئۇرۇق بېسىشتا، قارا ئۇرۇق تەرەپ ئاۋۋال ئۇرۇق باسىدۇ، ئاق ئۇرۇق تەرەپ ئەگىشىپ ئۇرۇق باسىدۇ. ئويۇنغا چۈشكۈچى ئىككى تەرەپ نۆۋەت بىلەن ئۇرۇق بېسىپ، ھەر قېتىمدا بىر ئۇرۇق بىلەن چەكلىنىدۇ. ئۇرۇق بېسىلغاندىن كېيىن قايتا يۆتكەشكە بولمايدۇ. ھەربىر ئۇرۇقنىڭ ئاستى - ئۈستى، ئوڭ - سولدىكى تىك سىزىققا تۇتاشقان كېسىشمە نۇقتىلار «تىنىق» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر بۇ كېسىشمە نۇقتىلارنى قارشى تەرەپ ئۇرۇقلىرى ئىگىلىۋالغان بولسا، كېسىشمە نۇقتىلار ئىچىدىكى ئۇرۇقنىڭ «تىنىقى» توختايدۇ - دە، قارشى تەرەپ ئۇنى »يەۋېتىدۇ«. قورشاۋ قاتار ئادەتتە ئويۇن باشلاش، ئويۇن ئوتتۇرىسى ۋە ئويۇن ئاخىرى باسقۇچلىرىغا بۆلۈنىدۇ. يۈرۈشلىرى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولۇپ، ئويۇنغا چۈشكەن ئىككى تەرەپ قورشاش، توسۇش، ئۈزۈش، مەجبۇرلاش، ئېچىق ياساش، تىنىق بوغۇش، كۆز ياساش، كۆز بۇزۇشقا ئوخشاش ھەر خىل تېخنىكا ۋە تاكتىكىلىق ھۇجۇم بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇقلىرىغا زەربە بېرىدۇ ھەمدە بوشلۇقنى ئىگىلەيدۇ. ئويۇن ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ تاختا يۈزىدە ئىگىلىگەن بوشلۇقىنى ياكى ئۇرۇق سانىنى قوشۇپ ھېسابلاپ (ياپونىيە قائىدىسىدە پەقەت بوشلۇقلا ھېسابلىنىدۇ)، كۆپ بولغىنى غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ئەگەر بىر تەرەپ ئويۇن ئاخىرلاشمايلا يېڭىلگىنىگە تەن بەرسە، يەنە بىر تەرەپ ئويۇن ئوتتۇرىسىدىلا غەلىبە قىلغان بولىدۇ. قارا ئۇرۇق باشلاپ يۈرگەچكە، ئاۋۋال قول سېلىش ئۈستۈنلۈكىدە بولىدۇ، شۇڭا ئاۋۋال يۈرگەن تەرەپ ئويۇن ئاخىرىدا چوقۇم كېيىن يۈرگەن تەرەپكە كېمىنى تولدۇرۇپ بېرىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. تەڭ چىقىپ قېلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش ئۈچۈن، كېمىنى تولدۇرۇش سانى2 ئۇرۇق قىلىپ بېكىتىلگەن (ياپونىيە قائىدىسىدە5 ئۇرۇق بولىدۇ).
قورشاۋ قاتار جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، سۇي، تاڭ مەزگىللىرىدە ياپونىيىگە تارقالغان.19 - ئەسىردە ياۋروپاغا تارقىلىپ،1938 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋروپا قورشاۋ قاتار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.1979 - يىل3 - ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئىشتىن سىرتقى قورشاۋ قاتار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ،15 دۆلەتتىن32 نەپەر ماھىر قاتناشقان. كېيىن ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن.1982 - يىل3 - ئايدا خەلقئارا قورشاۋ قاتار بىرلەشمىسى توكيودا قۇرۇلغان.1988 - يىلى دۇنياۋى ئىككى چوڭ كەسپىي قورشاۋ قاتار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى: فۇشى لوڭقىسى مۇسابىقىسى (بىر يىلدا بىر نۆۋەتلىك) بىلەن يىڭشى لوڭقىسى مۇسابىقىسى (تۆت يىلدا بىر نۆۋەتلىك) ئايرىم - ئايرىم ھالدا توكيودا ۋە بېيجىڭدا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. شۇڭا، بۇ يىل خەلقئارا قورشاۋ قاتارنىڭ باشلىنىش يىلى قىلىنغان.1988 - يىلىغا كەلگەندە، دۇنيادا40 نەچچە دۆلەت ۋە رايونلاردا قورشاۋ قاتار ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياپونىيە، جۇڭگو، كورېيىلەرنىڭ سەۋىيىسى بىرقەدەر يۇقىرى.