پۇتبول
تەنتەربىيە تۈرلىرى
پۇتبولنىڭ «دۇنيادا بىرىنچى تەنھەرىكەت» دېگەن نامى بار. بىر قېتىم پۇتبول شاھى بېيلى نېگىرىيىگە بېرىپ مۇسابىقىگە چۈشۈپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ دۆلەتتە دەل ئىچكى ئۇرۇش بولۇۋاتقان مەزگىل ئىكەن، ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئىككى كۈن ئۇرۇش توختىتىپتۇ، مانا بۇنىڭدىن پۇتبولنىڭ سېھرىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
پۇتبولنىڭ مۇسابىقە مەيدانى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدىكى68 ×105 مېتىرلىق مەيداندىن باشقا، ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى90 −120 مېتىر، كەڭلىكى45 −90 مېتىر بولىدۇ. ۋاراتانىڭ ئىككى تۈۋرۈكىنىڭ ئارىلىقى32 .7 مېتىر، توغرا ياغاچ بىلەن يەرنىڭ ئارىلىقى44 .2 مېتىر بولۇپ، ۋاراتانىڭ كەڭلىكى ئېگىزلىكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.50
- يىللاردىن بۇيان، دۇنيا پۇتبول ھەرىكىتىدە ئۈچ قېتىم ئۆزگىرىش بولغان.1953 - يىلى ۋېنگرىيىلىكلەر تۆتلۈك ھۇجۇم تۈزۈلمىسىنى قوللىنىپ (4 −3 −2 سەپ شەكلى)،20 يىلدىن بۇيان قوللىنىلىۋاتقان MW شەكىللىك ئەنئەنىۋى ئويناش ئۇسۇلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھۇجۇمنى ئاساس قىلغان ھالەتنى بەرپا قىلىپ، دۇنيا پۇتبول سەھنىسىنى زىلزىلىگە سالغان. بەش يىلدىن كېيىن برازىلىيىلىكلەر تېخنىكا، ماھارەتتە يېڭى تەرەققىياتلارنى پەيدا قىلىپ، ھۇجۇم - مۇداپىئە تەڭلەشكەن4 −2 −4 سەپ شەكلىنى بەرپا قىلىپ، مۇداپىئەچىلەرنىڭ تېپىش ئۇسۇلىدا يېڭى تۈزۈلمە تۇرغۇزغان. شۇنىڭدىن پەيدا بولغان3 −3 −4 شەكىللەر ۋە ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن ھالەتلىرى ئاساسىي ئالاھىدىلىكتە4 −2 −4 شەكلىگە ئوخشاش بولغان، پەقەتلا كۈچلەرنى تەقسىم قىلىشتا مۇداپىئەگە كۆپرەك ئېتىبار بەرگەن. ئۈچىنچى قېتىملىق ئۆزگىرىش70 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بارلىققا كېلىپ، گوللاندىيە، فېدېراتىۋ گېرمانىيە، پولشا كوماندىلىرى پۈتۈن ھۇجۇم - پۈتۈن مۇداپىئەلىك ئويناش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلغان، يەنى بىر كوماندىدا ۋاراتاردىن باشقا10 ئەزانىڭ ھەممىسىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە قىلىش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. بۇ تاكتىكا پوزىتسىيىنىڭ ئەزالارنى چەكلەپ قويۇشىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، ئەزالارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ۋە ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەزالارنىڭ بەدەن ساپاسىغا، تېخنىكا، تاكتىكىسىغا ۋە ئاڭ پەزىلىتىگە، جەڭ قىلىش ئىستىلىغا ئوخشاش جەھەتلەردە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
پۇتبول ھەرىكىتى1900 - يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،1904 - يىلى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى (AFIF) قۇرۇلغان.1930 - يىلىدىن باشلاپ دۇنيا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن (كېيىن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى دەپ ئاتالغان)، بۇ مۇسابىقە ھەر تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۇنجى نۆۋەتلىكتىن تارتىپ ھازىرغىچە ياۋروپا قىتئەسى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۈچلۈك كوماندىلار بارلىق «رېمىت لوڭقىسى» نى بۆلۈشۈۋالغان. جۇڭگودا1910 - يىلىدىكى كونا جۇڭگونىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا پۇتبول رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە دۇنيادىكى پۇتبولدا كۈچلۈك دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا پەرق يەنىلا ئىنتايىن چوڭ.1987 - يىلى ئېلىمىز تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاياللار پۇتبولى ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلماقتا. ئاياللار پۇتبولىنىڭ مۇسابىقە ۋاقتى80 مىنۇت بولغاندىن سىرت، باشقا قائىدىلىرى ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش. ئاياللار پۇتبولىدا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىنىڭ سەۋىيىسى يۇقىرى بولۇپ، ئېلىمىز ئاياللار پۇتبولىنىڭ سەۋىيىسى ئاسىيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
پۇتبول ھەرىكىتى يۈرەكلىك، قەيسەر، زېرەك بولۇشنى، سۈرئەتمۇ، چىداملىقمۇ بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ناھايىتى يۇقىرى چېنىقىش قىممىتىگە ئىگە. ئۆسمۈر - بالىلار پۇتبولىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ئېلىمىز كىچىك پۇتبول ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلماقتا. كىچىك پۇتبول مەيدانى نىسبەتەن كىچىك بولۇپ، توپنىڭ ئايلانمىسىمۇ چوڭلارنىڭكىدىن14 ~15 سانتىمېتىر كىچىك، ئېغىرلىقى116 ~143 گرام يەڭگىل. ھەربىر كوماندىدىن يەتتىدىن ئادەم مەيدانغا چۈشۈپ مۇسابىقىلىشىدۇ. كىچىك پۇتبول ھەرىكىتىگە دۇنيا پۇتبول سەۋىيىسىگە يېتىش ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىش ئۈمىدى بېغىشلانغان.