يېنىك ئاتلېتىكا
تەنتەربىيە تۈرلىرى
يېنىك ئاتلېتىكا ئەزەلدىنلا «تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ ئانىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئۇزاق قەدىمكى زاماندىن تارتىپلا ئىنسانلار ھاياتلىق ئۈچۈن ئۇزۇن ئارىلىقلارغا ماڭغان ياكى يۈگۈرگەن، ئېرىق، جىرا قاتارلىق خىلمۇخىل تەبىئىي توسالغۇلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ھايۋانلارنى قوغلىغان، مېۋىلەرنى تەرگەن ھەمدە قولىغا تاش، دەرەخ شاخلىرىنى ئېلىپ ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئېلىشقان. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئادەملەر بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى تەكرارلاپ، مېڭىش، يۈگۈرۈش، ئېتىش، سەكرەشتەك تۇرمۇش ئىقتىدارلىرىنى − يېنىك ئاتلېتىكا ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى شەكلىنى ھاسىل قىلغان.
ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇرۇشلارنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيگەن. باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان ساغلام بەدەنلىك ئەسكەرلەرنى تەربىيىلەپ چىقىش ئۈچۈن، مېڭىش، يۈگۈرۈش، سەكرەش، ئېتىشلار ھەربىي قوشۇننىڭ ئاساسلىق مەشىق ۋاسىتىسى قىلىنغان ھەمدە تەدرىجىي ھالدا بۇ تۈرلەرنىڭ مۇسابىقىسى شەكىللەنگەن. كېيىن مۇناسىپ ھالدا ھەر خىل يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانلىرى، ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلىرى ۋۇجۇدقا چىققان. مۇشۇنداق ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تەرەققىي قىلىپ،1896 - يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا يېنىك ئاتلېتىكا رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىپ بېكىتىلگەن.
يېنىك ئاتلېتىكا ھەرىكىتىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئادەتتە نەتىجىسى ئېگىزلىك ۋە يىراقلىق بويىچە ھېسابلىنىدىغان ئېتىش ، سەكرەش ۋە نەتىجىسى ۋاقىت بويىچە ھېسابلىنىدىغان يۈگۈرۈش، يورغىلاپ مېڭىش دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېتىش، سەكرەش، يۈگۈرۈش تۈرلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئومۇمىي ماھارەت ھەرىكىتىمۇ بار. ھازىر دۇنيا رېكورتى بار سىرتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان يېنىك ئاتلېتىكا تۈرلىرى80 گە يەتكەن بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا كىرگۈزۈلگەن رەسمىي مۇسابىقە تۈرىدىن41 تۈر بار. ئەڭ ئاساسلىق دۇنياۋى مۇسابىقىلەردىن ئۈچى بولۇپ، بىرىنچىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى، ئىككىنچىسى1977 - يىلىدىن باشلانغان دۇنيا لوڭقىسى يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسى، ئۈچىنچىسى1983 - يىلىدىن باشلانغان دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدۇر.