UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىسۇ توپ

سۇ توپ

تەنتەربىيە تۈرلىرى سۇ توپ ھەرىكىتى سۇ ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل توپ تۈرى ھەرىكىتى بولۇپ،19 - ئەسىردە ئەنگلىيىدە بارلىققا كەلگەن. ئۆز ۋاقتىدا بالىلار پۇتبولنى تېپىپ سۇغا چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ھەر دائىم سۇ ئىچىدە توپنى ئۇياقتىن بۇياققا تاشلاپ ئوينىغان. كېيىن بۇ خىل ئويۇن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ئىككى كوماندا ئارىسىدىكى مۇسابىقىگە ئۆزگەرگەن.1870 - يىلىغا كەلگەندە، شوتلاندىيە، ئەنگلىيىلەردە ۋاراتاسى بولغان سۇ ئىچىدە توپ ئېتىش مۇسابىقىسى ئىنتايىن كەڭ تارقالغان بولۇپ، بەزىلەر «سۇ ئۈستىدىكى پۇتبول» دېسە، بەزىلەر «سۇ ئۈستىدىكى قول توپ» دېگەن ياكى «سۇ ئۈستىدىكى كالتەك توپ» دەپ ئاتىغان، ئەمما نېمە دەپ ئاتىلىشىدىن قەتئىينەزەر، مۇسابىقە ئۇسۇلى ئوخشاش بولۇپ، روشەن ھالدا پۇتبولنىڭ ئىزىنى ساقلىغان. ھازىرقى سۇ توپ قائىدىسىدە بۇلۇڭ توپ، ۋاراتا توپ، ئوفسايىت، بىۋاسىتە ئىختىيارىي توپ ۋە ۋاسىتىلىك ئىختىيارىي توپ دېگەندەك بەلگىلىمىلەر بار. ئەمما، قائىدىگە ئېغىر ھالدا خىلاپلىق قىلغان ئەزاغا پۇتبولدىكىدەك سېرىق تاختا بېرىپ ئاگاھلاندۇرىدىغان ياكى قىزىل تاختا چىقىرىپ مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىدىن ئېلىپ تاشلايدىغان قائىدە قوللانماي، بەلكى مەيداندىن45 سېكۇنت ئايرىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. بۇ قول توپ بىلەن مۇز توپنىڭ قائىدىسىگە ئوخشىشىپراق كېتىدۇ. سۇ توپ1900 - يىلىدىكى2 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن باشلاپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرى بولغان.1973 - يىلىدىن باشلاپ دۇنيا سۇ توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن، ھەر تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.1979 - يىلىدىن باشلاپ يەنە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش سۇ توپ مۇسابىقىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. سۇ توپ ھەرىكىتى19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىن ئېلىمىزگە كىرگەن. دەسلەپتە شياڭگاڭ ۋە دېڭىز بويلىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەردە گۈللەنگەن. ئەمما، كونا جۇڭگودا بىر قېتىممۇ رەسمىي تۈردە مەملىكەتلىك سۇ توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمىگەن.1942 - يىلى يەنئەندە ئۆتكۈزۈلگەن «1 - سېنتەبىر» كېڭەيتىلگەن تەنھەرىكەت يىغىنىدا سۇ توپ سۇ ئۈستى تەنھەرىكەت مۇسابىقە تۈرلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئېلىمىزنىڭ سۇ توپ ھەرىكىتى كېچىكىپ قانات يايغان بولۇپ،1974 - يىلىغا كەلگەندىلا خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم ئاسىيا چېمپىيونى بولغان، ئىككى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى
سۇ توپ | UyghurWiki | UyghurWiki