بوكس
تەنتەربىيە تۈرلىرى
بوكس بىر تۈرلۈك قارشىلىشىشچانلىقى كۈچلۈك تەنتەربىيە تۈرى. تەنھەرىكەتچىلەر ئىككى قولىغا خۇرۇم قولقاپ كىيىپ، بىرگە بىر ھالەتتە بىر - بىرىنىڭ باش - كۆز، قۇلاقتىن تۆۋەنكى يۈز قىسمى ۋە بەدەننىڭ كىندىكىدىن يۇقىرى، كۆكرىكىدىن تۆۋەن قىسىملىرىغا ئۇرۇپ، قارشى تەرەپنى يىقىتىشنى نىشان قىلىدۇ. ئەگەر ئۇرۇپ يىقىتقان تەرەپ رېپىر سانىغان10 سېكۇنتتا ئورنىدىن تۇرالمىسا، يېڭىلدى دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئەگەر ئىككىلا تەرەپ يىقىلمىغان بولسا، ئۈنۈملۈك ئۇرۇپ تەگكۈزگەن قېتىم سانى ياكى مۇداپىئە تېخنىكىسى، ئاكتىپ ھەرىكەت ئىشلەش دەرىجىسىگە قاراپ نومۇر بېرىلىپ، يېڭىش - يېڭىلىشى بەلگىلىنىدۇ.
بوكس5000 يىلدىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە. مىسىرنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى40 - ئەسىردىكى تەسۋىرىي يېزىقلىرىدا مۇشتلىشىشتا ئىشلىتىلىدىغان قوغدانغۇچلارغا مۇناسىۋەتلىك «تېرە تاسما» خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئارخېئولوگلار يەنە باغدادقا يېقىن جايدىن نۇرغۇنلىغان مۇشتلىشىش كۆرۈنۈشى بار تام رەسىملىرى ۋە تاش ئويمىلارنى قېزىۋالغان.1904 - يىلى3 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.1924 - يىلى خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى بوكس بىرلەشمىسى قۇرۇلغان، ھازىر ئەزا دۆلەتلەردىن130 ى بار، باش ئورگىنى ئامېرىكىدا. خەلقئارا بوكس بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق مۇسابىقىلىرىدىن ئولىمپىك بوكس مۇسابىقىسى، چوڭلار ۋە ياشلار دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ھەمدە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى قاتارلىقلار بار. ئولىمپىك بوكس مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى دەرىجە ئايرىمىسى، يەنى48 ،51 ،54 ،57 ،60 ،5 .63،67 ،71 ،75 ،81 ،91 كىلوگراملىقلار ۋە91 كىلوگراملىقلاردىن يۇقىرى دەرىجە بولۇپ، جەمئىي12 دەرىجە بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
بوكس مۇسابىقىسى ئىشتىن سىرتقى بوكس مۇسابىقىسى ۋە كەسپىي بوكس مۇسابىقىسىگە بۆلۈنىدۇ. ئىشتىن سىرتقى بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېشى چوقۇم18 گە تولغان، ئائىلە باشلىقى قوشۇلغان بولۇشى ھەمدە قولىدا ياخشى مەشىقلەنگەنلىكىگە ئائىت ترېنېرنىڭ ئىسپاتى ۋە ساغلاملىقىغا بېرىلگەن دوختۇرنىڭ ئىسپاتى بولۇشى لازىم. كەسپىي بوكس تەنھەرىكەتچىلىرى21 ياشقا تولغان بولۇشى لازىم (ھازىر بەزى دۆلەتلەردە18 ياشقىچە كېڭەيتىلگەن). خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى بوكس بىرلەشمىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، كەسپىي بوكس تەنھەرىكەتچىلىرى ئىشتىن سىرتقى بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
ھازىر بوكس ھەرىكىتىدە، دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيىسىدە تۇرۇۋاتقانلاردىن ئامېرىكا، روسىيە، كۇبا، پولشا، كورېيىلەر بار. ئېلىمىزدە1946 - يىلى شاڭخەي خرىستىئان دىنى ياشلار ئۇيۇشمىسى ئۆتكۈزگەن خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى بوكس مۇسابىقىسىدە، جۇ شۇلىن، گو بەيلىنلار يېنىك ئوتتۇرا ئېغىرلىق دەرىجىسى ۋە ئوتتۇرا ئېغىرلىق دەرىجىسى بويىچە چېمپىيون بولغان. بۇ، جۇڭگو بوكسچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشىدۇر.1987 - يىلى ئېلىمىز خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى بوكس بىرلەشمىسىگە ئەزا بولدى.