UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىتىكتاك توپ

تىكتاك توپ

تەنتەربىيە تۈرلىرى تىكتاك توپ تەنھەرىكىتى19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەنگلىيىدە بارلىققا كەلگەن. ئەڭ دەسلەپتە ئۇ پەقەت بىر خىل ئويۇنلا بولۇپ، يۇمشاق ياغاچ، كاۋچۇك تۈرىدىكى يەڭگىل ھەم ئېلاستىكلىقى بار ماتېرىياللاردىن توپ، ياغاچ تاختىدىن پالاق ياساپ، تېننىس ئوينىغاندەك ئۈستەل ئۈستىدە ئۇياقتىن - بۇياققا ئۇرۇپ ئۆتكۈزگەن. شۇڭا ياۋروپالىقلار ئۇنى «ئۈستەل ئۈستىدىكى تېننىس» دەپ ئاتىغان. تىكتاك توپ1900 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە سېللۇلوئىدتىن ياسالغان ئىچى كاۋاك توپقا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن تەدرىجىي ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.1926 - يىلى خەلقئارا تىكتاك توپ بىرلەشمىسى قۇرۇلۇپ، شۇ يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى60 نەچچە يىل مابەينىدە تىكتاك توپ ھەرىكىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان. ئومۇملاشتۇرغاندا، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن:50 - يىللارنىڭ ئالدىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ماھىرلىرى، كۆپىنچە يۈزىگە تۈۋرۈكسىمان رېزىنكە بۆرتمە چاپلانغان پالاق ئىشلەتكەن. بۇ خىل رېزىنكە چاپلانغان پالاقنىڭ ياغاچ پالاققا قارىغاندا ئېلاستىكلىقى ۋە سۈركىلىش كۈچى ئاشقانلىقتىن، تۆۋەنگە كېسىپ پىرقىرىتىلغان مۇداپىئە تىپىدىكى ئويناش ئۇسۇلى مەيدانغا كەلگەن. بۇ خىل ئويناش ئۇسۇلى ياۋروپادا ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقان ھەمدە غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭگۈشتەرگە ئايلانغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋېنگرىيىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ،1951 - يىلىدىن ئىلگىرىكى117 تۈر - قېتىملىق دۇنيا تىكتاك توپ چېمپىيونلۇقىنىڭ5 .57 تۈر - قېتىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياۋروپا كوماندىلىرى ئالغىنىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن.50 - يىللاردىن كېيىن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغان. ياپونىيە تەنھەرىكەتچىلىرى ئالدى بىلەن بۇلۇتلۇق پالاق ئىشلەتكەن ھەمدە ئۈستەلدىن يىراق تۇرۇپ ئۇزۇن يوللۇق ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوڭدىن ھۇجۇم قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ سۈرئەتنى تېزلەتكەن، توپ باشلاش ۋە ھۇجۇم قىلىشىمۇ تەھدىتىلىك بولغان. بۇ خىل ئويناش ئۇسۇلىغا ياۋروپانىڭ سۈرئىتى ئاستا، پىرقىرىشى ئاجىز، ھۇجۇم كۈچى كۈچلۈك بولماسلىقتەك مۇداپىئە تىپىدىكى ئويناش ئۇسۇلى بەرداشلىق بېرەلمىگەن.1951 - يىلىدىكى19 - نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ياپونىيە بىراقلا تۆت تۈردە چېمپىيون بولۇپ، ياۋروپا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلىغان.1952 - يىلىدىن1959 - يىلىغىچە بولغان49 تۈر - قېتىملىق دۇنيا چېمپىيونلۇقىنىڭ24 تۈر - قېتىمىنى ياپونىيە كوماندىسى قولغا كەلتۈرگەن، بۇ% 47 نى ئىگىلەيدۇ. بۇنى تىكتاك توپ ھەرىكىتى سەۋىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق زور يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى دېيىشكە بولىدۇ.1959 - يىلى ئېلىمىز ماھىرى رۇڭ گوتۇەن25 - نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئەرلەرنىڭ يەككە تۈرى بويىچە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرى خەلقئارا تىكتاك توپ سەھنىسىدە ئۆزىنى نامايان قىلىشقا باشلىغان ھەمدە «تېز، دەل، قەتئىي، ئۆزگىرىشچان» بولۇشتەك تېخنىكا ئىستىلىنى ئاساس قىلغان تىك تۇتما پالاقتا ئۈستەلگە يېقىن تۇرۇپ، تېز ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان.1961 - يىلىدىكى26 - نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ياپونىيە ۋە ياۋروپا ماھىرلىرىنى يېڭىپ، تۇنجى قېتىم ئەرلەر كوللېكتىپ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن ھەمدە27 - نۆۋەتلىك ۋە28 - نۆۋەتلىكىدىمۇ كوللېكتىپ چېمپىيونلۇقىنى ئارقىمۇئارقا قولغا كەلتۈرگەن.60 - يىللاردا جۇڭگو تىكتاك توپ ھەرىكىتىنىڭ سەۋىيىسى دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكەن بولۇپ، تىكتاك توپ ھەرىكىتىدىكى ئۈستۈنلۈك ياپونىيىدىن جۇڭگوغا يۆتكەلگەن. مانا بۇ، تىكتاك توپ ھەرىكىتى سەۋىيىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق زور يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدۇر. ياۋروپالىقلار ئارقىدا قېلىشقا تەن بەرمەي، مەغلۇبىيەت ئىچىدىن تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئاخىر ياپونىيىنىڭ پىرقىرىتىپ ئۇرۇش تېخنىكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ ئۈستەلگە يېقىن تۇرۇپ تېز ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە ئويناش ئۇسۇلى، يەنى تېز ھۇجۇمغا پىرقىرىتىپ ئۇرۇشنى ياكى پىرقىرىتىپ ئۇرۇشقا تېز ھۇجۇمنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى تاپقان. بۇ خىل ئويناشنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا توپنى كۈچلۈك پىرقىراتقىلى، سۈرئەتنى تېزلەتكىلى، ھەم تارتقىلى، ھەم ئۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈستەل ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىشىشنى كۈچەيتىپ، توپنى ئەگىتىپ ئۇرۇش ئىمكانىيىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، تىكتاك توپ ھەرىكىتىدە پىرقىرىتىش بىلەن سۈرئەت بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى سەۋىيە شەكىللىنىپ، دۇنيا تىكتاك توپ ھەرىكىتىدە ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ تىركىشىشىدەك يېڭى ۋەزىيەت پەيدا بولغان. مانا بۇ، تىكتاك توپ ھەرىكىتى سەۋىيىسىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق زور يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدۇر. تىكتاك توپ ھەرىكىتى1904 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە جۇڭگوغا كىرگەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى50 يىل ئىچىدە سەۋىيە يۇقىرى كۆتۈرۈلمىگەن.1953 - يىلى ئېلىمىز تۇنجى قېتىم دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندا، ئەرلەر كوماندىسى پەقەت بىرىنچى دەرىجە باھالىنىپ ئونىنچى بولغان، ئاياللار كوماندىسى ئىككىنچى دەرىجە باھالىنىپ ئۈچىنچى بولغان.1959 - يىلىغا كەلگەندە رۇڭ گوتۇەن تۇنجى قېتىم دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر يەككە ئويناش تۈرىدە چېمپىيون بولغان. ئىككى يىلدىن كېيىن ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىلىرى26 - نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئەرلەر كوللېكتىپ، ئەرلەر يەككە ئويناش ۋە ئاياللار يەككە ئويناش تۈرلىرىدە چېمپىيون بولغان. مانا بۇ ئېلىمىز تىكتاك توپ تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ.1981 - يىلىدىكى36 - نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز ماھىرلىرى بارلىق يەتتە تۈردىكى دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا ئېلىپ، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن55 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.1959 - يىلىدىكى25 - نۆۋەتلىكتىن تارتىپ1993 - يىلىدىكى42 - نۆۋەتلىككىچە بولغان دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىلىرىدە (29 - ۋە30 - نۆۋەتلىكلىرىگە ئېلىمىز قاتناشمىغان) ئېلىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەرلەر كوللېكتىپ چېمپىيونلۇقىغا10 قېتىم، ئاياللار كوللېكتىپ چېمپىيونلۇقىغا10 قېتىم، ئەرلەر يەككە تۈرىدە توققۇز قېتىم، ئاياللار يەككە تۈرىدە11 قېتىم، ئەرلەر جۈپ ئويناش تۈرىدە ئالتە قېتىم، ئاياللار جۈپ ئويناش تۈرىدە5 .9 قېتىم (34 - نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز ماھىرى ياڭ باۋ بىلەن چاۋشيەن ماھىرى بو يىڭيۈي ھەمكارلىشىپ، ئاياللار جۈپ ئويناش تۈرىدە چېمپىيون بولغان)، ئارىلاشما جۈپ ئويناش تۈرىدە توققۇز قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. ئومۇمىي ھېسابتا قولغا ئالغان دۇنيا چېمپىيونلۇقى5 .64 تۈر − قېتىم بولۇپ، شۇ مەزگىلدە ئەڭ كۆپ چېمپىيون بولغان دۆلەت بولۇپ قالغان.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى
تىكتاك توپ | UyghurWiki | UyghurWiki