UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىقوش تورنىك

قوش تورنىك

تەنتەربىيە تۈرلىرى ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قوش تورنىك ئەسلىدە گېرمانىيىلىكلەر ھالقىلىق ئات مەشقىدە بىلىكىنىڭ تايىنىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان ياردەمچى ئەسۋاب ئىكەن.19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تەدرىجىي ھالدا ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ شەكىللەنگەن. بىر يۈرۈش قوش تورنىك ھەرىكىتى ھەر خىل ئايلىنىش، پۈكۈلۈش - تۈزلىنىش، قول بىلەن تىكلىنىش، بەدەن بۇراش، ئۆرلەپ چىقىش ۋە بوشلۇقتا موللاق ئېتىشلاردىن تەركىب تاپىدۇ. پۈتۈن يۈرۈش ھەرىكەتتە ئۇچۇرۇش بىلەن بوشلۇققا ئۆرلەشنى ئاساس قىلىپ، تورنىك ئۈستىدىكى ھەرىكەتلەر بىلەن تورنىك ئاستىدىكى ھەرىكەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ ئورۇنداش تەلەپ قىلىنىدۇ. قوش تورنىكتىكى ئەنئەنىۋى قىيىن ھەرىكەتلەردىن ئالدىغا ئۇچۇپ بەدەننى180 گرادۇس ياكى360 گرادۇس بۇراپ قول بىلەن تىكلىنىش، كەينىچىلەپ بوشلۇقتا موللاق ئېتىپ قول بىلەن تىكلىنىش قاتارلىقلار بار. كېيىنچە دائىرىسى تېخىمۇ چوڭ، بەدەن بۇراش گرادۇسى تېخىمۇ كۆپ بولغان يېڭى تىپتىكى ھەرىكەتلەر كېلىپ چىقتى. مەسىلەن، «تىكاچوفچە ئۆرلەش» (پۇتلارنى كېرىپ، كەينىگە ئېگىز ئۆرلەش)، «مۈشۈكچىلەپ سەكرەش» (پۈكۈلۈپ بەدەن بۇراپ ئېگىز ئۆرلەش) ۋە چوڭ ئايلىنىش قاتارلىقلار. جۇڭگونىڭ قوش تورنىك ھەرىكىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يېڭىچە، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش بىلەن داڭلىق. لى نىڭ، تۇڭ فېي، لۇ يۈن قاتارلىقلار كۆپ قېتىم دۇنيادىكى چوڭ مۇسابىقىلەردە ئالتۇن مېدال ئالغان.1989 - يىل10 - ئايدىكى25 - نۆۋەتلىك دۇنيا گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگونىڭ19 ياشلىق ماھىرى لى جىڭ قوش تورنىكتا چېمپىيون بولغان.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى