قىسقا يۈگۈرۈش
تەنتەربىيە تۈرلىرى
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى776 - يىلى گرېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا پەقەت بىرلا تۈردە، يەنى قىسقا يۈگۈرۈشتە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن. ئەينى چاغدىكى مۇسابىقىلىشىش ئارىلىقى27 .192 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر »ئايلانما« بولغان، مۇسابىقە ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، ۋاقىتمۇ، ئىسىم تەرتىپىمۇ ھېسابلانماي، كىم بىرىنچى بولۇپ ئاخىرقى پەللىدىن ئۆتسە غەلىبە قىلدى دەپ ھېسابلانغان. رېپىرىلىكنى ئاقسۆڭەكلەر ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار قولىغا تاسما قامچا ئېلىپ، بۇرۇن يۈگۈرۈۋېلىپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى شەپقەتسىزلىك بىلەن قامچىلىغان.
ئۇ ۋاقىتتىكى مۇسابىقىلەردە قىياپەت بىلەن تېخنىكىغا ئېتىبار بېرىلمەي، پەقەت كۈچلۈكلەرلا غەلىبە قىلغان.1896 - يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ100 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىمۇ پەللىدىن چىقىش قىياپىتى خىلمۇخىل، ئاجايىپ - غارايىپ بولغان.1936 - يىلىغا كەلگەندىلا11 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا قىسقا يۈگۈرۈشتىكى پەللىدىن چىقىش قىياپىتى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تەنھەرىكەتچىلەر پەللىدىن چىقىش ئەسۋابىدىن چىقىدىغان بولغان.100
مېتىرغا يۈگۈرۈشتىكى ئەڭ بالدۇرقى رەسمىي رېكورت1894 - يىلى بارلىققا كېلىپ، نەتىجىسى11 سېكۇنت2 دەقىقە بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن،100 يىل مابەينىدە نەتىجە9 سېكۇنت6 .8 دەقىقىگە يەتكەن. بۇ نەتىجىنى ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىسى لېۋېس1991 - يىلى ياراتقان. ئاياللارنىڭ نۆۋەتتىكى100 مېتىرغا يۈگۈرۈش دۇنيا رېكورتى10 سېكۇنت9 .4 دەقىقە بولۇپ، ئامېرىكىلىق گدىففېت جوينېد1988 - يىلى ياراتقان.
ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان قىسقا ئارىلىق200 مېتىر بىلەن400 مېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىسقا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى يۈگۈرۈش يوللىرىغا ئايرىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.400 مېتىردىن يۇقىرىلار ئومۇمەن يۈگۈرۈش يوللىرىغا ئايرىلمايدۇ.