گولف توپ
تەنتەربىيە تۈرلىرى
«گولف» گوللاندىيە تىلىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇ شوتلاندىيە خەلقى ئىچىدە بارلىققا كەلگەن.14 -،15 - ئەسىرلەردە ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە تارقالغان.
گولف توپ مەيدانىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىدە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم يوق، ئادەتتە مەنزىرىسى گۈزەل رايونلارغا ياكى باغچىلارنىڭ چىملىقلىرىغا قۇرۇلىدۇ. ئىگىلەيدىغان يەر كۆلىمى تەخمىنەن50 گېكتار كېلىدۇ. مەيدانغا توققۇز ياكى18 تۆشۈك كولىنىپ، ھەرقايسى تۆشۈكلەرنىڭ ئارىلىقى باش - ئايىغى ئۇلانغان توپ يولى بىلەن تۇتاشقان بولىدۇ. ئۇزۇنلۇقى200 -500 مېتىرغىچە بولۇپ، ئوخشاش بولمايدۇ. ھەربىر تۆشۈكنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئاخىرقى نۇقتىسىغىچە بولغان ئارىلىقتا توپ باشلاش رايونى، ئوچۇق يول، توسالغۇ ۋە تەكشى چىملىقلار بولىدۇ. نومۇر توپلاش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولۇپ، بىرىدە، بارلىق تۆشۈكلەرگە ئۇرۇلغان ئومۇمىي تاياق سانىغا قارىلىپ، ئاز بولغىنى غەلىبە قىلغان بولىدۇ. يەنە بىرىدە، ھەربىر تۆشۈككە ئۇرۇلغان توپنىڭ سانىغا قارىلىپ، تەڭلەشكەن ساننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ئۇرۇلغان توپ ئاز، كىرگۈزگەن تۆشۈكى كۆپ بولغىنى غەلىبە قىلغان بولىدۇ.
گولﻒ توپ ھەرىكىتىنىڭ ئىگىلەيدىغان يەر كۆلىمى چوڭ، قۇرۇلۇش تەننەرخى يۇقىرى، سايمانلىرى قىممەت بولغاچقا، دۇنيادا بۇ خىل ھەرىكەتنى ئومۇملاشتۇرغان دۆلەتلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گولﻒ توپ ھەرىكىتى ئېلىمىزنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، نەنجىڭ، شېنجېن، جۇخەي شەھەرلىرىدە ئارقىمۇئارقا قانات يايدۇرۇلدى.1987 - يىلىدىكى6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.