مۇسابىقە گىمناستىكىسى
تەنتەربىيە تۈرلىرى
مۇسابىقە گىمناستىكىسى1896 - يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن، ئەينى چاغدا پەقەت ئەرلەرلا قاتناشقان. ئاياللارنىڭ مۇسابىقىلىق گىمناستىكىغا قاتنىشىشى1928 - يىلىدىكى9 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا باشلانغان.1952 - يىلىدىن ئىلگىرىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنلىرىدا مۇسابىقە گىمناستىكىسىنىڭ مۇسابىقە مەزمۇنلىرىدا دائىم ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرغان، بىر مەزگىل قىسقا يۈگۈرۈش، خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش، يىراققا سەكرەش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرلىرىمۇ ئۇنىڭغا تەۋە قىلىنغان.1948 - يىلى ۋە1952 - يىلىدىكى14 -،15 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنلىرىدا مۇسابىقە گىمناستىكىسىنىڭ مەزمۇنى رەسمىي تۇراقلاشقان.
ئېلىمىزنىڭ مۇسابىقە گىمناستىكىسىدىكى مۇكەممەللەشكەن ھازىرقى زامان مۇسابىقە تۈرلىرى50 - يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە شەكىللەنگەن.
ھازىرقى زامان مۇسابىقە گىمناستىكىسى ئەرلەر ئالتە تۈرى، يەنى ئەركىن گىمناستىكا، يالاڭ تورنىك، قوش تورنىك، ھالقىلىق ئات، ئاسما ھالقا ۋە ياغاچ ئاتنى، ئاياللار تۆت تۈرى، يەنى ئەركىن گىمناستىكا، تەڭپۇڭ لىم، ئېگىز − پەس تورنىك ۋە ياغاچ ئاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇسابىقىدىن كوللېكتىپ مۇسابىقە، يەككىلەر ئومۇمىي ماھارەت مۇسابىقىسى ۋە يەككىلەرنىڭ يەككە تۈر مۇسابىقىسى دەپ ئۈچ خىلى بار. رېپىرىلار خەلقئارا گىمناستىكىغا نومۇر قويۇش قائىدىسى بويىچە نومۇر بېرىدۇ. بىر يۈرۈش ھەرىكەتنىڭ تولۇق نومۇرى10 بولىدۇ.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گىمناستىكا مۇسابىقىسى خەلقئارا گىمناستىكا بىرلەشمىسى ئۆتكۈزىدىغان دۇنيا گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدۇر. ئالدىنقىسىنىڭ1903 - يىلى بېلگىيىنىڭ ئانتۋېرپ شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن؛1934 - يىلىدىكى10 - نۆۋەتلىكىدە ئاياللار تۈرى تەسىس قىلىنغان، دۇنيا گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ،1989 - يىلىغىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ25 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن. كېيىنكىسىنىڭ1975 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈش بەلگىلەنگەن. دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە كوللېكتىپ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلمەي، ئومۇمىي ماھارەت تۈرى بىلەن يەككە تۈرلەرنىڭ مۇسابىقىسىلا ئۆتكۈزۈلىدۇ ھەمدە پەقەت ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئومۇمىي ماھارەتتە ئالدىنقى18 نىڭ ئىچىگە كىرگەن، يەككە تۈرلەردە ئالدىنقى6 نىڭ ئىچىگە كىرگەن تەنھەرىكەتچىلەرلا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.
دۇنيا ئەرلەر گىمناستىكىسىدا سەۋىيىسى نىسبەتەن يۇقىرىلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، جۇڭگو ۋە ياپونىيىلەر بولۇپ، ئاياللار گىمناستىكىسىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، رومىنىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىقلار ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.