UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىۋالىبول

ۋالىبول

تەنتەربىيە تۈرلىرى «ۋالىبول» نىڭ ئىنگلىزچە مەنىسى بوشلۇقتا توپ ئۇرۇشتىن ئىبارەت. ۋالىبول ھەرىكىتى ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن.1895 - يىلى ئامېرىكىلىق ۋىليام موگىن بىر خىل ئويۇن ئىجاد قىلغان. بۇنىڭدا كىشىلەر تېننىس مەيدانىدا سېتكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بۆلۈنۈپ تۇرۇپ، ۋاسكېتبولنىڭ كامېرىنى ياكى ئۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان توپنى ئۇياقتىن - بۇياققا ئۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ ئوينىغان، ئۇرۇش قېتىمى چەكلەنمىگەن. مانا بۇ ۋالىبول ھەرىكىتىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلىدۇر. ئېلىمىزنىڭ ۋالىبول ھەرىكىتى1905 - يىلىدىن باشلىنىپ، ئەڭ دەسلەپتە ھەربىر كوماندىدىن16 دىن ئادەم مەيدانغا چۈشۈپ، ھەربىر رەتتە تۆت ئادەمدىن تۆت رەت بولۇپ تۇرغان.1923 - يىلى يىراق شەرق تەنھەرىكەت يىغىنىدا12 ئادەم ئۈچ رەت بولۇپ تۇرغان؛1927 - يىلى توققۇز ئادەمگە ئۆزگەرتىلگەن. توققۇز كىشىلىك تۈزۈمدىكى ۋالىبول ئېلىمىزدە ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشىپ،1950 - يىلىغا كەلگەندىلا ھازىرقى ئالتە كىشىلىك تۈزۈمگە ئۆزگەرتىلگەن. ئېلىمىزنىڭ ۋالىبول ھەرىكىتىنىڭ سەۋىيىسى بىرنەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا50 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ئاندىن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان.1977 - يىل8 - ئايدا ئېلىمىزنىڭ ستۇدېنتىلار ئاياللار كوماندىسى دۇنيا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكىغا ئوخشاش كۈچلۈك كوماندىلارنى يېڭىپ، يەتتە قېتىم ئېلىشىشتا ئالتە قېتىم غەلىبە قىلىشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن.9 - ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئەر - ئاياللار ياشلار ۋالىبول كوماندىسى تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ياشلار ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ھەر ئىككى كوماندا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.11 - ئايدا ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئېلىمىزنىڭ ئاياللار كوماندىسى ياپونىيە، كۇبا كوماندىلىرىنى يېڭىپ تۆتىنچى بولغان. ئەرلەر كوماندىسى كورېيە، برازىلىيە كوماندىلىرىنى يېڭىپ بەشىنچىلىككە ئېرىشكەن. مانا بۇ، ئېلىمىزنىڭ ۋالىبول سەۋىيىسىنىڭ دۇنيادىكى ئىلغارلار سېپىگە كىرگەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ.80 - يىللارغا قەدەم قويغاندا، ئېلىمىزنىڭ ۋالىبول سەۋىيىسىدە يېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشلەر بارلىققا كەلدى.1981 - يىلى جۇڭگو ئاياللار ۋالىبولى تولۇق غەلىبە قىلىشتەك نەتىجە بىلەن3 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە تاجدار بولۇپ، ئۈچ چوڭ توپنىڭ «ئاسىيادىن چىقىپ، دۇنياغا يۈزلىنىش» ىدىكى تۇنجى ئوق ئاۋازىنى ياڭراتقان. شۇنىڭدىن كېيىن1982 - يىلىدىكى9 - نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە،1984 - يىلىدىكى لوس - ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا،1985 - يىلىدىكى4 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە،1986 - يىلىدىكى10 - نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىلىرىدە ئۇدا بەش نۆۋەت چېمپىيون بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ۋالىبول تارىخىدا پارلاق سەھىپە ياراتقان.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى
ۋالىبول | UyghurWiki | UyghurWiki