UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىيىراققا سەكرەش

يىراققا سەكرەش

تەنتەربىيە تۈرلىرى يىراققا سەكرەش ئەڭ قەدىمىي تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى نۆۋەتلىك رەسمىي يىراققا سەكرەش مۇسابىقىسى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى708 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن. ئەينى چاغدىكى ئەسلىھەلەر ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، پەقەتلا يەر يۈزى يۇمشىتىلغان، ئاندىن ئالدىغا بىر پارچە تاختاي قويۇلۇپ، قاڭقىش تاختىسى قىلىنغان. يەرگە چۈشكەندە يارىلىنىش ھادىسىلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كېيىن قۇم ئازگىلى ئىجاد قىلىنغان. ئەرلەر يىراققا سەكرەشنىڭ تۇنجى دۇنيا رېكورتىنى ئەنگلىيە تەنھەرىكەتچىسى مايچېر ياراتقان بولۇپ، نەتىجىسى48 .5 مېتىر بولغان.10 يىلدىن كېيىن ئىرېلاندىيە ماھىرى لان يەتتە مېتىردىن تۇنجى بولۇپ نەتىجىسى05 .7 مېتىر بولغان.1931 - يىلى ياپونىيە ماھىرى نەنپۇ جۇڭپىڭ نەتىجىنى98 .7 مېتىرغا كۆتۈرگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نەنپۇ جۇڭپىڭ ھەر دائىم ھايۋانات باغچىسىغا بېرىپ، ھايۋانلارنىڭ سەكرەش قىياپىتىنى كۆزەتكەنىكەن، ئۇ مايمۇننىڭ سەكرىگەندە ئىككى قولىنى كۈچەپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈش، يەرگە چۈشۈشتىن ئاۋۋال ئىككى پۇتىنى يۇقىرىغا ئېگىش، يەرگە چۈشكەن پەيتتە ئىككى پۇتىنى ئالدىغا سۇنۇشتەك ھەرىكەتلىرىدىن ئىلھاملىنىپ، «ئېسىلىش ھالىتى» دە يىراققا سەكرەش تېخنىكىسىنى ياراتقان.1935 - يىلى ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك تەنھەرىكەتچى ئوۋېنىس ئالدى بىلەن13 .8 مېتىرلىق ئەلا نەتىجە يارىتىپ، يىراققا سەكرەش ھەرىكىتىنىڭ سەۋىيىسىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ رېكورتى25 يىل ساقلىنىپ.1960 - يىل5 - ئايغا كەلگەندىلا ئامېرىكىلىق يەنە بىر قارا تەنلىك تەنھەرىكەتچى پۇستون بۇ رېكورتنى بۇزغان.1968 - يىل10 - ئايدا ئامېرىكىلىق بېئامون19 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا90 .8 مېتىرلىق كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك نەتىجە يارىتىپ، بۇ رېكورتنى23 يىل ساقلىغان.1991 - يىل8 - ئايدا ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىسى باۋۋېر توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە بۇ تۈرنىڭ95 .8 مېتىرلىق يېڭى دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان. ئاياللارنىڭ يىراققا سەكرەش ھەرىكىتى20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا بارلىققا كەلگەن.1928 - يىلى ياپونىيە ماھىرى رېنجەن جۇەنجى98 .5 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن بۇ تۈرنىڭ تۇنجى دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان. تۇنجى بولۇپ يەتتە مېتىردىن ھالقىغان تەنھەرىكەتچى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق باردوسكىنىي، ئۇ1978 - يىل8 - ئايدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ07 .7 مېتىر ۋە09 .7 مېتىرغا سەكرەپ، ئىككى قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان. نۆۋەتتە بۇ تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتى52 .7 مېتىر بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق چېستاكوۋا1988 - يىل6 - ئايدا ياراتقان. مەملىكىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى يىراققا سەكرەش رېكورتى ئەرلەرنىڭ36 .8 مېتىر (فۇجيەنلىك چېن زۇڭرۇڭ1992 - يىل5 - ئايدا ياراتقان)، ئاياللارنىڭ01 .7 مېتىر (خېيلۇڭجياڭلىق ياۋ ۋېيلى1993 - يىل6 - ئايدا ياراتقان). يىراققا سەكرەشنىڭ ئۈچ تاقلاپ يىراققا سەكرەش دەپ ئاتىلىدىغان بىر قېرىندىشى بار، بۇ ھەرىكەت تۈرى كېچىكىپرەك مەيدانغا كەلگەن. تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئامېرىكىلىق كونوللى71 .13 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولغان.1911 - يىلى ئامېرىكىلىق ئايخىن ئۈچ تاقلاپ يىراققا سەكرەش تۈرىنىڭ تۇنجى رەسمىي دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان، نەتىجىسى52 .15 مېتىر. نۆۋەتتە بۇ تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتى97 .17 مېتىر بولۇپ، ئامېرىكىلىق بانكىس1985 - يىل6 - ئايدا ياراتقان. ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىسى زۇ جېنشيەن1981 - يىل9 - ئايدا34 .17 مېتىرلىق نەتىجە ياراتقان. يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ئاياللار ئۈچ تاقلاپ يىراققا سەكرەش بەزى دۆلەتلەردە مەيدانغا كەلدى.1991 - يىلى خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى بۇ تۈرنى رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىپ تەستىقلىغان.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى