تېننىس
تەنتەربىيە تۈرلىرى
تېننىس فرانسىيىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەسلىدىكى ئوردا ئاقسۆڭەكلىرى ئوينايدىغان «ئالىقان توپ ئويۇنى» دىن كېلىپ چىققان.18 - ئەسىردە كاپىتالىزم روناق تاپقاندىن كېيىن، تېننىس ئوردىدىن سىرتقا چىقىپ، تەدرىجىي ھالدا شەھەر ئاھالىسى ئارىسىدا قانات يايغان.19 - ئەسىرگە كەلگەندە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىدە مودىغا ئايلانغان.1885 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئېلىمىزگە كىرگەن.
تېننىس مەيدانى چىملىق، قۇملۇق، زاماسكىلىق، پلاستىماستىلىق مەيدان دەپ بىرنەچچە خىلغا بۆلۈنىدۇ، مەيداننىڭ ئۇزۇنلۇقى77 .23 مېتىر، يەككە ئويناش مەيدانىنىڭ كەڭلىكى23 .8 مېتىر، جۈپ ئويناش مەيدانىنىڭ كەڭلىكى97 .10 مېتىر بولىدۇ. تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىدە بوشلۇقتىكى توپنى ئۇرۇپ ياكى بىر قاڭقىپ چىققان توپنى ئۇرۇپ قايتۇرما زەربە بەرسە بولىدۇ. مۇسابىقە ئەر - ئاياللار كوللېكتىپ، ئەر - ئاياللار يەككە ئويناش، ئەر - ئاياللار جۈپ ئويناش ۋە ئارىلاشما جۈپ ئويناشلاردىن ئىبارەت يەتتە خىلغا بۆلۈنىدۇ. تۆت نومۇر بىر كونتىر، ئالتە كونتىر بىر مەيدان بولىدۇ. خەلقئارا مۇسابىقىلەردە ئادەتتە «تەڭ كونتىرنى ھەل قىلىش تۈزۈمى» قوللىنىلىپ، ھەربىر مەيداندىكى كونتىر سانى ئالتە تەڭ ياكى سەككىز تەڭ بولۇپ قالغاندا يەنە بىر كونتىر ئويناپ، ئالدى بىلەن يەتتە نومۇر ئالغىنى غەلىبە قىلىدۇ.
ئېلىمىزدە1953 - يىلى جۇڭگو تېننىس جەمئىيىتى قۇرۇلغان ھەمدە خەلقئارا تېننىس بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان.1956 - يىلىدىن باشلاپ بىر يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك مۇسابىقە تۈرلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ھەمدە خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشقا باشلىغان. ئېلىمىزنىڭ تېننىس تەنھەرىكەتچىلىرى خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىلەردە بىرقەدەر ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما دۇنياغا يۈزلىنىشتە يەنىلا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ.
ھازىر دۇنيادا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك تېننىس مۇسابىقىسى يىلىغا تۆت قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، يەنى ئەنگلىيە ۋېنبوردۇن خەلقئارا چىملىق تېننىس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، ئامېرىكا تېننىس ئوچۇق مۇسابىقىسى، فرانسىيە تېننىس ئوچۇق مۇسابىقىسى ۋە ئاۋسترالىيە چىملىق تېننىس ئوچۇق مۇسابىقىسى. بۇ تۆت مۇسابىقىنىڭ ھەممىسى خەلقئارا تېننىس بىرلەشمىسى ئېتىراپ قىلغان شەخسىي نام بىلەن قاتنىشىدىغان يەككىلەر مۇسابىقىسى بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى تەسىس قىلىنغان. ئېتىراپ قىلىنغان كوللېكتىپ مۇسابىقە «داۋىس لوڭقىسى» مۇسابىقىسى، يەنى خەلقئارا تېننىس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (ئەرلەرنىڭ) ۋە »بىرلەشمە لوڭقىسى« مۇسابىقىسى (ئاياللارنىڭ). كوللېكتىپ مۇسابىقىگە دۆلەت كوماندىسى قاتنىشىدۇ، مۇكاپات سوممىسى تەسىس قىلىنمايدۇ.