UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىكۈچەپ ئېتىلىدىغان چويۇن توپ ۋە زەنجىر توپ

كۈچەپ ئېتىلىدىغان چويۇن توپ ۋە زەنجىر توپ

تەنتەربىيە تۈرلىرى چويۇن توپ بىلەن زەنجىر توپ چوڭ - كىچىكلىك، شەكىل جەھەتتە ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئېغىرلىقىمۇ ھەر ئىككىسىنىڭ26 .7 كىلوگرام بولۇپ، زەنجىر توپنىڭ چويۇن توپقا قارىغاندا بىر تال زەنجىرى ئارتۇق. بۇلارنىڭ ئىككى ئوخشاش بولمىغان تۈر بولۇپ تەرەققىي قىلىشىدىكى سەۋەب كېلىپ چىقىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدا.14 - ئەسىردە ئېلىمىزنىڭ مىلتىق دورىسى ياۋروپاغا تارقىلىپ، ياۋروپادا زەمبىرەكچىلەر قوشۇنى بارلىققا كەلگەن. ئەينى چاغدىكى زەمبىرەك ئوقى چويۇندىن قۇيۇلغان بولۇپ، شارسىمان ھالەتتە، ئېغىرلىقى16 قاداق (257.7 كىلوگرام) بولغان. ئەسكەرلەر ئۇرۇش مەزگىلىدە زەمبىرەككە چاققانلىق بىلەن ئوق سېلىش ئۈچۈن ئادەتتىكى چاغلاردا زەمبىرەك ئوقى ياكى يۇمىلاق تاشلارنى يىراققا ئىتتىرىپ ئېتىشتا بەسلەشكەن، كېيىن كىشىلەر ئىچى كاۋاك تۆمۈرنىڭ ئىچىگە قوغۇشۇن قۇيغان، مانا بۇ ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان چويۇن توپتۇر.1975 - يىلى قۇيۇپ ياساشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن،257 .7 كىلوگرام26 .7 كىلوگرامغا ئۆزگەرتىلىپ، ئەرلەر چويۇن توپىنىڭ ئۆلچەملىك ئېغىرلىقى قىلىنغان. ئاياللار چويۇن توپىنىڭ ئېغىرلىقى تۆت كىلوگرام كېلىدۇ. ئەڭ دەسلەپتە چويۇن توپ ئېتىش مۇسابىقىسى ئېغىرلىق كۆتۈرۈشكە ئوخشاش بەدەن ئېغىرلىقى بويىچە دەرىجىلەرگە ئايرىلىپ ئېلىپ بېرىلغان. كېيىن بەزى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى يەڭگىل بولسىمۇ، تېخنىكىسى يۇقىرى بولغانلىقتىن، نەتىجىسى ئېغىر دەرىجىلىك ماھىرلارنىڭكىدىن ھالقىپ كېتىدىغان ئەھۋال بايقالغان، شۇڭا، بۇ تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.1896 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئەرلەر چويۇن توپىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى22 .11 مېتىر بولغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئەرلەر چويۇن توپىنىڭ دۇنيا رېكورتى12 .23 مېتىرغا، ئاياللارنىڭ63 .22 مېتىرغا يەتتى. بۇ نەتىجىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئامېرىكىلىق راندى باتسى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق لىسوۋسكايا ساقلاپ كەلمەكتە. ئېلىمىزنىڭ ئايال تەنھەرىكەتچىسى لى مېيسۇ1987 - يىل4 - ئايدىن1988 - يىل4 - ئايغىچە بولغان قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە يەتتە قېتىم ئاسىيا رېكورتىنى بۇزۇپ، ئاسىيا رېكورتىنى93 .18 مېتىردىن بىراقلا76 .21 مېتىرغا كۆتۈرگەن ھەمدە1988 - يىلى ئىسىم تەرتىپىدە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن، سېئۇل ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا لى مېيسۇ جۇڭگو ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاسىيا ئۈچۈن بىردىنبىر يېنىك ئاتلېتىكا مېدالىنى ئالغان.1989 - يىل9 - ئايدا خۇاڭ جىخۇڭ73 .20 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە ئاياللار چويۇن توپىنىڭ ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن. ئەرلەر چويۇن توپىدا يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان لياۋنىڭ ماھىرى ما يۇڭفېڭمۇ ئاسىيا رېكورتىنى ئالتە قېتىم بۇزغان. نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى78 .19 مېتىر بولۇپ، ئاسىيادا رىقابەتچىسى بولمىسىمۇ، ئەمما دۇنيا رېكورتىدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. زەنجىر توپنىڭ چەت ئەلچە مەنىسى بازغان بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى بازغان بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئوتتۇرا ئەسىرلەردە شوتلاندىيە كان ئىشچىلىرى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا دائىم توپلىشىپ چوڭ تۆمۈر بازغاننى يىراققا تاشلاشتا بەسلەشكەن.1873 - يىلى ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدى بىلەن »تۆمۈر بازغان ئېتىش«نى مۇسابىقە تۈرى قىلغان.1900 - يىلى زەنجىر توپنىڭ تۇنجى دۇنيا رېكورتى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، رېكورت نەتىجىسى51 مېتىر بولغان. ئۆز ۋاقتىدا بەزىلەر زەنجىرلىك توپنى60 مېتىردىن ئاشۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، دېگەن. ئەمما52 يىلدىن كېيىن ۋېنگرىيە ماھىرى كوسساكماك34 .60 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن بۇ گەپنى يوققا چىقارغان. ھازىرقى دۇنيا رېكورتى74 .86 مېتىر بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەنھەرىكەتچىسى شېدىخ1986 - يىلى ياراتقان. ئېلىمىزنىڭ زەنجىر توپ ھەرىكىتىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى20 .81 مېتىر بولۇپ، جياڭشى تەنھەرىكەتچىسى بى جۇڭ ياراتقان، بۇ نەتىجە ئاسىيانىڭمۇ ئەڭ يۇقىرى رېكورتىدۇر.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى
كۈچەپ ئېتىلىدىغان چويۇن توپ ۋە زەنجىر توپ | UyghurWiki | UyghurWiki