مارافون
تەنتەربىيە تۈرلىرى
مارافون ئەسلىدە گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافېناغا يېقىن بىر كىچىك شەھەرنىڭ ئىسمى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى490 - يىلى10 مىڭدىن ئارتۇق ئافېنالىق بۇ يەردە پارس ئىمپېرىيىسىنىڭ100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇنى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، پارس تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ خۇش خەۋەرنى ئافېنا شەھىرىدىكى تەشۋىش ئىچىدە قالغان پۇقرالارغا تېز يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ھەربىي قىسىمنىڭ قوماندانى فېلبىس ئىسىملىك جەڭچىنى بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن. فېلبىس مارافوندىن توختىماي يۈگۈرۈپ ئافېناغا كەلگەندە چارچاپ ھالىدىن كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن تەقەززالىقتا تۇرغان كۆپچىلىككە يۇقىرى ئاۋازدا: «تەنتەنە قىلىڭلار، بىز غەلىبە قىلدۇق!»، دەپلا جان ئۈزگەن. بۇ ۋەتەنپەرۋەر جەڭچىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئافېنادا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا مەخسۇس ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ نامى مارافون، فېلبىس يۈگۈرگەن ئارىلىق مۇسابىقە مۇساپىسى قىلىپ بېكىتىلگەن، بۇ ئارىلىق تەخمىنەن42 كىلومېتىر كېلىدۇ.1920 - يىلى بۇ ئارىلىقنى قايتىدىن ئۆلچەپ چىققاندا،42 كىلومېتىر195 مېتىر كەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مارافون مۇسابىقىلىرى مۇشۇ ئۇزۇنلۇقنى قوللانغان.
بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى مارافون مۇسابىقىلىرىنىڭ نامى ناھايىتى كۆپ. ئېلىمىز80 - يىللاردىن باشلاپ ئۆتكۈزگەن بېيجىڭ خەلقئارا مارافون مۇسابىقىسى دۇنيادىكى10 چوڭ مارافون مۇسابىقىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
مارافون مۇسابىقىسى مۇسابىقە مەيدانىغا، ھاۋانىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرايدىغان بولغاچقا، دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجىلا بولۇپ، رەسمىي دۇنيا رېكورتى تۇرغۇزۇلمىغان. نۆۋەتتە، ئەرلەرنىڭ مارافوندىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى2 سائەت6 مىنۇت50 سېكۇنت بولۇپ، ئېفىئوپىيىلىك دېسام1988 - يىلى ياراتقان. ئېلىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى2 سائەت10 مىنۇت57 سېكۇنت بولۇپ، ئىچكى موڭغۇل تەنھەرىكەتچىسى خۇ گاڭجۈن ساقلاپ كەلمەكتە.
مارافون مۇسابىقىسى دەسلەپتە ئەرلەر بىلەنلا چەكلەنگەن.1896 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن كېيىن،35 ياشلىق گرېتسىيىلىك ئايال ستاماشيا ئاياللارنىڭ يۈگۈرەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەي، ئۆزى يۈگۈرۈپ سىناپ باققان، نەتىجىدە بەش سائەت30 مىنۇتتا پۈتۈن مۇساپىنى يۈگۈرۈپ بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئاياللار مارافونىنىڭ يولى ئېچىلغان.1984 - يىلىدىكى23 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئاياللار مارافونى رەسمىي مۇسابىقە تۈرلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. نۆۋەتتە بۇ تۈردىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە ئىككى سائەت21 مىنۇت6 سېكۇنت بولۇپ، نورۋېگىيە ماھىرى كرىستيانېن1985 - يىلى ياراتقان. ئېلىمىزنىڭ ئاياللار مارافون سەۋىيىسى ئاسىيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا.1993 - يىلى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى مارافون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ۋاڭ جۈنشيا2 سائەت24 مىنۇت7 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن ئاسىيانىڭ ئەڭ ياخشى تەنىجىسىنى ياراتقان.