فىگۇرا چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش
تەنتەربىيە تۈرلىرى
فىگۇرا چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش گىمناستىكا ماھارەتلىرى بىلەن ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ، ئۇ ھەم تەنتەربىيە، ھەم سەنئەت ھېسابلىنىدۇ. «فىگۇرا چىقىرىش» ھەرىكەتلىرى بالېتچە ئۈزۈش، دېلفىنچە ئۈزۈش، دومىلاپ ئۈزۈش ۋە پىرقىراپ ئۈزۈش دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
مۇزىكا فىگۇرا چىقىرىپ سۇ ئۈزۈشنىڭ دىرىژورلۇق تايىقىدۇر. مۇزىكا ماسلاشتۇرۇشتا، مارش كۈيلىرى، خەلق ئارىسىدىكى ئۇسسۇل كۈيلىرى، كلاسسىك مۇزىكىلار ۋە ھازىرقى زامان مۇزىكىلىرىنى تاللاشقا بولىدۇ. ئەمما، مەيلى قانداق مۇزىكا تاللاشتىن قەتئىينەزەر، تەنھەرىكەتچى ئۇنى چۈشىنىشى ۋە ئىپادىلەپ چىقىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، مۇزىكا، ھەرىكەتلەرنىڭ رەتلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى ۋە تەنھەرىكەتچىنىڭ ھەرىكەت ئورۇنداشتىكى بىردەكلىكىنى ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
فىگۇرا چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش ھەرىكىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ئەمەس. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيىدە گۈللەنگەن. ئەينى چاغدا تەنھەرىكەتچىلەر لەيلەش، بەدەن بۇراشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەر بىلەن سەپ ئۆزگەرتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇزىكىنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن ھەر خىل گۈزەل شەكىللەرنى چىقارغان. بۇ تۈر1956 - يىلى رەسمىي مۇسابىقە تۈرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.1973 - يىلىدىكى دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم فىگۇرا چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.
فىگۇرا چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى خىلىدا، يەككىلەر بەلگىلەنگەن ھەرىكەتلەر بويىچە ئاساسىي تېخنىكىلاردا مۇسابىقىلىشىدۇ، مۇزىكا تەڭكەش قىلىنمايدۇ؛ ئىككىنچى خىلىدا، ئۆزى تاللىۋالغان ھەرىكەتلەردە مۇسابىقىلىشىدۇ، مۇزىكا تەڭكەش قىلىنىدۇ. ئىككىسىدە ئالغان نومۇرنىڭ يىغىندىسى مۇسابىقە نەتىجىسى قىلىنىدۇ. بۇ مۇسابىقە تۈرىدە سەۋىيىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، كانادا ۋە ياپونىيە قاتارلىقلار بار.