باريېردىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش
تەنتەربىيە تۈرلىرى
باريېردىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش17 ~18 - ئەسىرلەردە ئەنگلىيىدە بارلىققا كەلگەن. ئۇ ۋاقىتتا ئەنگلىيىنىڭ چارۋىچىلىقى ئىنتايىن روناق تاپقان بولۇپ، ھەرىكەتكە ئامراق ياش پادىچىلار ھەمىشە قوتان قاشاسىدىن سەكرەپ كىرىپ، سەكرەپ چىقىپ، ئۆزئارا قوغلاشماق ئويناپ كۆڭۈل ئاچقان. بۇ خىل ئويۇننىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھازىرقى زامان باريېردىن ئاتلاش ھەرىكىتى بارلىققا كەلگەن.1864
- يىلى ئەنگلىيىلىكلەر باريېردىن ئاتلاپ يۈگۈرۈشنى يېنىك ئاتلېتىكا تۈرىگە كىرگۈزگەن. ئەڭ دەسلەپكى باريېردىن ئاتلاپ يۈگۈرۈشلەردە قىياپەتكە دىققەت قىلىنمىغان، سۈرئىتىمۇ ئاستا بولغان.1897 - يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى گېرمانىيىلىك كرونېس لەين ئىلغار «ئاتلاش قەدىمى» نى ئىجاد قىلىپ، پۇتنى تۈزلەپ ئاتلاش تېخنىكىسىنى قوللانغان.1907 - يىلى ئامېرىكىلىق سىمىتسون باريېردىن ئۆتكەندە گەۋدىنى يېرىم ئېڭىشتۈرۈش قىياپىتىنى قوللانغان ۋە1908 - يىلى4 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا110 مېتىرلىق ئېگىز باريېر (7.106 سانتىمېتىر)دىن ئاتلاپ يۈگۈرۈشنى دەل15 سېكۇنتتا تاماملاپ، تۇنجى دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان. ھازىر بۇ تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتى12 سېكۇنت1 .9 دەقىقىغە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنى ئەنگلىيە تەنھەرىكەتچىسى جاكسون1993 - يىل8 - ئايدا ياراتقان.
ئەرلەر400 مېتىرلىق باريېرنىڭ ئېگىزلىكى4 .91 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى دۇنيا رېكورتى55 سېكۇنت بولغان. ھازىر بۇ تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتى46 سېكۇنت8 .7 دەقىقە بولۇپ، ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىسى كېۋىن يان1992 - يىلى ياراتقان.
ئاياللارنىڭ باريېردىن ئاتلاپ يۈگۈرۈشىدە دەسلەپ پەقەتلا80 مېتىرلىق پاكار باريېر بولغان.1969 - يىلى ئاندىن100 مېتىرلىق باريېرغا ئۆزگەرتىلگەن. نۆۋەتتە بۇ تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتى12 سېكۇنت1 .2 دەقىقە بولۇپ، بۇلغارىيىلىك دونكېۋا1988 - يىلى ياراتقان.1973 - يىلىدىن باشلاپ خەلقئارادا ئاياللار400 مېتىرلىق باريېر تەسىس قىلىنغان.1993 - يىل8 - ئايغا كەلگۈچە بۇ تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتىنى ئەنگلىيە تەنھەرىكەتچىسى گۇننار ساقلاپ كەلمەكتە. نەتىجىسى52 سېكۇنت4 .7 دەقىقە.
ئېلىمىزنىڭ باريېر تەنھەرىكەتچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلماقتا. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ100 مېتىرلىق باريېرىدا فۇجيەن ماھىرى ليۇ خۇاجىن6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا12 سېكۇنت9 .8 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن تەيۋەنلىك ماھىر جى جېڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن ئاسىيا رېكورتىنى يېڭىلاپ،1990 - يىلى بېيجىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا نەتىجىنى يەنە12 سېكۇنت3 .7 دەقىقىگە كۆتۈرگەن.1993 - يىل9 - ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا تيەنجىنلىك ماھىر جاڭ يۈ بۇ تۈرنىڭ نەتىجىسىنى12 سېكۇنت4 .6 دەقىقىغە كۆتۈرۈپ، ئاسىيا يېڭى رېكورتىنى ياراتقان. لى تۇڭ13 سېكۇنت8 .6 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئەرلەر110 مېتىرلىق باريېرنىڭ ئاسىيا رېكورتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.