UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىقارىغا ئېتىش

قارىغا ئېتىش

تەنتەربىيە تۈرلىرى مۇقىم تۇرغان، يۆتكىلىۋاتقان، غىل - پال كۆرۈنىدىغان ھەمدە ئۇچۇۋاتقان نىشانلارنى مىلتىق، تاپانچا، ئوۋ مىلتىقى بىلەن قارىغا ئېلىپ دەل تەگكۈزۈش ياكى ھالقا سانى بويىچە نەتىجە ھېسابلىنىدىغان ھەرىكەت قارىغا ئېتىش دەپ ئاتىلىدۇ.1896 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، قارىغا ئېتىش رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى تاللىۋالغان چوڭ كالىبرلىق مىلتىق تۈرى بولغان. بۇ خىل مىلتىقنىڭ باھاسى يۇقىرى، قارىغا ئېتىش مەيدانىغا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولغاچقا، قانات يايدۇرۇش ئەپسىز بولغان. كىچىك كالىبرلىق مىلتىق ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇخىل مۇسابىقە تۈرى مەيدانغا كەلگەن ھەمدە1929 - يىلى شۋېتسىيىدە كىچىك كالىبرلىق مىلتىق دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. ئەينى ۋاقىتتا پەقەت ياتما ۋە ئۆرە ھالەتلىك ئىككى خىل شەكلى بولغان.1930 - يىلىدىن باشلاپ تىزلىنىپ ئېتىش تۈرى قوشۇلغان. ئېتىش نىشانى دىئامېتىرى20 مىللىمېتىرلىق10 - ھالقىسى بار ھالقا بولغان.1958 - يىلىدىن باشلاپ نىشاننىڭ دىئامېتىرى4 .12 مىللىمېتىرغا ئۆزگەرتىلگەن.1907 - يىلى خەلقئارا قارىغا ئېتىش بىرلەشمىسى قۇرۇلۇپ،1915 - يىلى تارقىلىپ كەتكەن.1921 - يىلى قايتىدىن قۇرۇلغان، باش ئورگىنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە. خەلقئارا قارىغا ئېتىش بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق مۇسابىقىلىرىدىن دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە ئولىمپىك قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى بار. دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھازىر خەلقئارا قارىغا ئېتىش بىرلەشمىسى ئېتىراپ قىلىدىغان دۇنيا رېكورت تۈرلىرىدىن ئەرلەرنىڭ46 تۈرى، ئاياللارنىڭ14 تۈرى (كوللېكتىپ مۇسابىقىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ) بار. خەلقئارا قارىغا ئېتىش بىرلەشمىسى قارار چىقىرىپ، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە شتاتلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن رەسمىي مۇسابىقىلەردىكى يېڭى رېكورتلارلا دۇنيا رېكورتى بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. ئېلىمىز1952 - يىلى قارىغا ئېتىشنى مەملىكەتلىك مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزگەن.1981 - يىلى10 - ئايدا ئارگېنتىنانىڭ تۇكۇمان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇچار تەخسە ئېتىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز ماھىرلىرى ۋۇ لەنيىڭ، فېڭ مېيمېي، شاۋ ۋېيپىڭلار بىرلىكتە قوش يۆنىلىشلىك ئۇچار تەخسە ئېتىش ئاياللار كوللېكتىپ مۇسابىقىسىنىڭ كوللېكتىپ چېمپىيونى بولغان. بۇ، ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ قارىغا ئېتىشتا ئالغان تۇنجى دۇنيا چېمپىيونلۇقىدۇر.1984 - يىلى7 - ئايدا ئامېرىكىنىڭ لوس - ئانژېلېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن23 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز ماھىرى شۈ خەيفېڭ ئەرلەرنىڭ ئۆزى تاللىۋالغان تاپانچىدا ئاستا ئېتىش تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدال ئالغان، بۇ ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىلىرى قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى ئولىمپىك چېمپىيونلۇقىدۇر.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى
قارىغا ئېتىش | UyghurWiki | UyghurWiki