UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىيورغىلاپ مېڭىش

يورغىلاپ مېڭىش

تەنتەربىيە تۈرلىرى يورغىلاپ مېڭىش بىلەن يۈگۈرۈش ئوخشاشلا يۈگۈرۈش تۈرىگە مەنسۇپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ روشەن پەرقى بار. يۈگۈرۈشتە تەنھەرىكەتچىنىڭ ئىككى پۇتى بىرلا ۋاقىتتا يەردىن ئايرىلسا بولىدۇ، شۇنداقلا پۇتلار يەرگە چۈشۈپ، يەردىن ئايرىلغۇچە بولغان جەرياندا تىز بوغۇمى ئېگىلگەن ھالەتتە بولىدۇ. ھالبۇكى، يورغىلاپ ماڭغاندا تەنھەرىكەتچىنىڭ ئۆكچىسى ئاۋۋال يەرگە چۈشۈپ، بىر پۇتتا تايىنىشتىن ئىككى پۇتتا تايىنىش ھالىتىگە ئالمىشىدۇ. يەنى يورغىلاپ مېڭىش جەريانىدا ئىككى پۇتنى بىرلا ۋاقىتتا بوشلۇققا كۆتۈرۈشكە بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەيلى بىر پۇتتا تايانغاندا بولسۇن، ئىككى پۇتقا تايانغاندا بولسۇن ياكى يەرگە چۈشكەن پۇتنى يەردىن كۆتۈرگەندە بولسۇن، تىز بوغۇمىنى ئېگىشكە بولمايدۇ. يورغىلاپ مېڭىش ئەنگلىيىدە بارلىققا كەلگەن.1867 - يىلى ئەنگلىيىدە تۇنجى نۆۋەتلىك يورغىلاپ مېڭىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئون نەچچە يىل ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق يورغىلاپ مېڭىش تەنھەرىكەتچىسى ئامېرىكىلىق ۋىستون بولۇپ، ئۇ26 كۈندە2413 كىلومېتىر، يەنى ئوتتۇا ھېساب بىلەن كۈنىگە93 كىلومېتىر ماڭغان.1908 - يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يورغىلاپ مېڭىش رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئارىلىقى3500 مېتىر ۋە10 مىل بولغان. كېيىن يورغىلاپ مېڭىش مۇسابىقىسىنىڭ ئارىلىقى بىرقانچە قېتىم ئۆزگەرتىلىپ.1956 - يىلىغا كەلگەندىلا ئەرلەر20 كىلومېتىر ۋە50 كىلومېتىردىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە رەسمىي مۇقىملاشقان. ئاياللارنىڭ يورغىلاپ مېڭىشىدىكى ھازىرقى خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان ئارىلىق5 كىلومېتىر ۋە10 كىلومېتىر.1908 - يىلىدىن ئېتىبارەن يورغىلاپ مېڭىش رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگەندىن بۇيانقى60 نەچچە يىل ئىچىدە ھەممىلا تۈرنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ئاساسەن ياۋروپالىقلار ئىگىلىگەن. بولۇپمۇ70 - يىللاردا گېرمانىيىلىك كاننىنبېك يورغىلاپ مېڭىشتىكى تۆت تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتىنى ئىگىلىۋالغان بولۇپ، يېنىك ئاتلېتىكا ھەرىكىتى تارىخىدا مۆجىزە ياراتقان.1976 - يىلى مېكسىكا تەنھەرىكەتچىسى بورىستا20 كىلومېتىرلىق يورغىلاپ مېڭىشتا تۇنجى بولۇپ ياۋروپالىقلارنىڭ قولىدىن دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى تارتىۋالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە مېكسىكا دۇنيادا يورغىلاپ مېڭىشتىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ تۇرماقتا. ئاياللارنىڭ يورغىلاپ مېڭىشىدا نۆۋەتتە شەرقىي ياۋروپا، ئاۋسترالىيە ۋە جۇڭگو ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. يورغىلاپ مېڭىش مۇسابىقىلىرىنىڭ تۈرلىرى كۆپ، مەيدان شارائىتى ئۆزگىرىشچان، ھەر خىل رېكورتلار، ئەڭ ياخشى نەتىجىلەر كۆپ بولغاچقا، ئادەتتىكى كىشىلەر ئاسان ئايرىپ بولالمايدۇ. ئەمما ئەڭ مۇھىم دۇنيا رېكورتىدىن پەقەت تۆتى بار، يەنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا تەسىس قىلىنغان تۆت تۈر: ئەرلەر20 كىلومېتىر،50 كىلومېتىر؛ ئاياللار بەش كىلومېتىر،10 كىلومېتىرلار.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى
يورغىلاپ مېڭىش | UyghurWiki | UyghurWiki