توسالغۇلۇق يۈگۈرۈش
تەنتەربىيە تۈرلىرى
توسالغۇلۇق يۈگۈرۈش ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش بىلەن توسالغۇدىن ئاتلاش بىرلەشتۈرۈلگەن تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ ئەنگلىيىدە بارلىققا كەلگەن.19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيىدىكى بەزىلەر دالا يۈگۈرۈشىنى تەنھەرىكەت مەيدانىغا ئېلىپ كىرىشنى ئويلاشقان، شۇنىڭ بىلەن تەنھەرىكەت مەيدانىدا چىتلاق، قاشا، سۇ ئازگىلىغا ئوخشاش سۈنئىي توسالغۇلار بارلىققا كەلگەن.1900 - يىلى2 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا توسالغۇلۇق يۈگۈرۈش رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان، ئەمما1954 - يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن يۈگۈرۈش يولىغا بەش توسالغۇ ۋە بىر سۇ ئازگىلى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئومۇمىي مۇساپە3000 مېتىر قىلىپ بېكىتىلگەن. توسالغۇلۇق يۈگۈرۈشتە جىسمانىي كۈچ سەرپىياتى يۇقىرى بولۇپ، كۈچنى تېجەپ قېلىش ئۈچۈن، ئاتلىغاندا ئادەتتە دەسسەپ چىقىپ، سەكرەپ چۈشۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ كەمچىلىكى سۈرئەت ئاستا بولىدۇ. جىسمانىي كۈچى ياخشى تەنھەرىكەتچىلەر ۋاقىتنى تېجەپ قېلىش ئۈچۈن، ئادەتتە دەسلىپىدە باريېردىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن توسالغۇدىن ئۆتۈپ، ئاخىرغا كەلگەندە دەسسەپ چىقىپ، سەكرەپ چۈشۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.3000
مېتىرلىق توسالغۇلۇق يۈگۈرۈشنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيا رېكورتىنى كېنىيە ماھىرى موش جېپتانويى1992 - يىلى ياراتقان بولۇپ، نەتىجىسى8 مىنۇت2 سېكۇنت8 .0 دەقىقە.