UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىچېلىشىش

چېلىشىش

تەنتەربىيە تۈرلىرى بۇ، بىر تۈرلۈك ئەڭ قەدىمىي مۇسابىقە ھەرىكىتى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى12 - ئەسىردىكى قەدىمكى گرېتسىيە ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىلا چېلىشىش مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان. ئەينى چاغدىكى مۇسابىقە ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، كىم قارشى تەرەپنى ئۈچ قېتىم يەرگە يىقىتسا، شۇ غەلىبە قىلغان. ھازىرقى زامان چېلىشىشى قەدىمچە چېلىشىش ۋە ئەركىن چېلىشىش دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. قەدىمچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە، تەنھەرىكەتچىلەر ئون دەرىجىگە ئايرىلغان بەدەن ئېغىرلىقى بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ، پەقەت قول بىلەن قارشى تەرەپنىڭ بەلدىن يۇقىرى قىسمىدىن قۇچاقلاپ تۇتۇش بەلگىلەنگەن، ھەربىر مەيداندا ئىككى قېتىم ئۇچرىشىدۇ، ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىش ئۈچ مىنۇت داۋاملىشىدۇ، ئارىلىقتا بىر مىنۇت ئارام ئېلىنىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئىككى مۈرىسىنى بىرلا ۋاقىتتا پالاسقا تەگكۈزگەن تەرەپ غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، پۈتۈن مەيداندا ئالغان نومۇرى كۆپ بولغىنى غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ئەركىن چېلىشىشنىڭ مۇسابىقە ئۇسۇلى، بەدەن ئېغىرلىقىنى دەرىجىگە ئايرىش، نومۇر ئېلىش ۋە يېڭىش - يېڭىلىش ئۆلچەملىرى قەدىمچە چېلىشىش بىلەن ئوخشىشىدۇ. ئوخشاشمايدىغان يېرى، ئەركىن چېلىشىشتا قول - پۇتلارنى بىرلىكتە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.1896 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، قەدىمچە چېلىشىش رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. ئەركىن چېلىشىش1904 - يىلى3 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.1912 - يىلى خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى چېلىشچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغان، باش ئورگىنى شۋېتسارىيىنىڭ لۇزاننا شەھىرىدە. ھازىر80 دىن ئارتۇق ئەزا دۆلەت بار. خەلقئارا چېلىشىش بىرلەشمىسى ئۆتكۈزىدىغان چوڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردىن دۇنيا ئەركىن چېلىشىش ۋە قەدىمچە چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (ھەر يىلى بىر نۆۋەت)، دۇنيا ياشلار چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت) بار. ئېلىمىزنىڭ چېلىشىش ھەرىكىتى جۇ دەۋرىدىن تارتىپ چىڭ خانىدانلىقىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان3000 يىلدىن بۇيان ئەل ئارىسىدا ئىزچىل ئەۋج ئېلىپ كەلگەن. جۇڭگوچە چېلىشىشتىكى بەدەن ئېغىرلىقىنى دەرىجىگە ئايرىش، مۇسابىقە ئۇسۇلى قاتارلىقلار قەدىمچە چېلىشىش، ئەركىن چېلىشىشلار نىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىدۇ، لېكىن يېڭىش - يېڭىلىشنى باھالاش ئۆلچەملىرى ئوخشاشمايدۇ. جۇڭگوچە چېلىشىشتا، قارشى تەرەپنى يىقىتقان بولسا، يىقىتقان ھېسابلاپ، يىقىتقان ھەرىكىتىنىڭ سۈپىتىگە قاراپ نومۇر قويۇلىدۇ. ئۈچ ئۇچرىشىشتا كۆپ نومۇر ئالغىنى غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ئەگەر مۇسابىقە ۋاقتى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا بىر تەرەپنىڭ نومۇرى قارشى تەرەپنىڭ نومۇرىدىن ئون نومۇر ئېشىپ كەتسىمۇ، غەلىبە قىلغان ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى
چېلىشىش | UyghurWiki | UyghurWiki