تەڭپۇڭ لىم
تەنتەربىيە تۈرلىرى
تەڭپۇڭ لىم ئاياللار مۇسابىقە تۈرى بولۇپ، ھەر خىل سەكرەش قەدەملىرى، بەدەن بۇراش، دولقۇنلىنىش، تەڭپۇڭ بولۇش، فىگۇرا چىقىرىش، ئەۋرىشىم موللاق، دومىلاش، تايىنىپ ۋە بوشلۇقتا موللاق ئېتىشتەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا پۈتۈن ھەرىكەتنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە (چوڭلارنىڭ1 مىنۇت10 سېكۇنتتىن1 مىنۇت30 سېكۇنتقىچە) ئورۇنداپ بولۇش،500 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تەڭپۇڭ لىم ئۈستىدىكى ھەرىكەت يۆنىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، ھەرىكەتچان ھالەت بىلەن تىنچ ھالەتنى بىرلەشتۈرۈپ، دولقۇنسىمان ھەرخىل ماھارەت ۋە ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. لىمنىڭ يۈزى10 سانتىمېتىر كەڭلىكتە بولۇپ،120 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى تۈۋرۈككە مۇقىملانغان بولغاچقا، تەنھەرىكەتچىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ دەللىكى ۋە تەڭپۇڭلىنىش ئىقتىدارىغا قويۇلىدىغان تەلەپ تولىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
دۇنيادا يانچە بۇرۇلما موللاق ئېتىپ بەدەننى تۈزلەپ360 گرادۇس بۇرۇلۇش ھەرىكىتىدىن باشقا، ھەر خىل موللاق ئېتىپ لىمغا چىقىش ۋە پىرقىراپ چۈشۈشمۇ ئومۇملىشىپ، ئۈچ موللاق، تېز سۈرئەتلىك موللاق، بويىغا ۋە توغرىسىغا سەكرەش قەدىمىدە بەدەن بۇراش ھەمدە بوشلۇقتا موللاق ئېتىپ تەڭپۇڭ ھالەتتە بولۇش دېگەندەك قىيىنلىقى يۇقىرى ھەرىكەتلەرمۇ بارلىققا كېلىشكە باشلىدى.
جۇڭگونىڭ14 ياشلىق ماھىرى ياڭ بو1989 - يىلىدىكى دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم بۇ تۈرنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ كەينىچە تايىنىپ موللاق ئېتىپلا، يەنە كېرىلمە موللاق ئېتىش، ئۇلاپلا360 گرادۇسلۇق تىكلەنمە موللاق ئېتىپ، يەنە ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم كېرىلمە موللاق ئېتىشتىن ئىبارەت كۆركەم ھەم كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان ھەرىكىتىنى دۇنيادا تېخى ھېچكىم ئورۇندىيالمىدى.