سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى
تەنتەربىيە تۈرلىرى
سۇ ئۈزۈش ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن تەبىئەت بىلەن ئېلىشىش يولىدا كېلىپ چىققان. جۇڭگودا تاڭ، سۇڭ دەۋرىدىلا سۇ ئۈستى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بولغان. ئەينى ۋاقىتتا، سۇدا ئويناش، دولقۇندا ئۈزۈش قاتارلىقلار بولغان. ھازىرقى زامان سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى19 - ئەسىردە باشلانغان.1896 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئەرلەر سۇ ئۈزۈش تۈرلىرى مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان.1912 - يىلى بەشىنچى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئاياللار سۇ ئۈزۈش تۈرلىرىمۇ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.
سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىلىرى ئاساسلىقى ئەركىن ئۈزۈش، پاقىچىلاپ ئۈزۈش، كېپىنەكچىلەپ ئۈزۈش ۋە ئوڭدىسىچە ئۈزۈش قاتارلىق تۆت تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەركىن ئۈزۈش دېگىنىمىز مۇسابىقە ۋاقتىدا ھەرقانداق بىر خىل قىياپەتتە ئۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. غۇلاچلاپ ئۈزۈشنىڭ ھەر خىل قىياپەتلىك ئۈزۈشلەر ئىچىدە سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغاچقا، ئەركىن ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە ئادەتتە ھەممەيلەن غۇلاچلاپ ئۈزىدۇ. نۆۋەتتە، ئەرلەر100 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈشنىڭ دۇنيا رېكورتى48 سېكۇنت2 .4 دەقىقە (ئامېرىكىلىق بيوندى1988 - يىل8 - ئايدا ياراتقان)، ئاياللار100 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈشنىڭ دۇنيا رېكورتى54 سېكۇنت8 .4 دەقىقىدۇر (ئامېرىكىلىق جېننى تومپسون1992 - يىل3 - ئايدا ياراتقان).
پاقىچىلاپ ئۈزۈش پاقىنىڭ سۈ ئۈزۈش قىياپىتىگە تەقلىد قىلىنغان ئۈزۈش ھەرىكىتى بولۇپ، ئۇ ئەڭ قەدىمىي ئۈزۈش قىياپىتىدۇر.19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پاقىچىلاپ ئۈزۈش تۇنجى بولۇپ مۇسابىقىدە قوللىنىلغان. كېيىن يېنىچە ئۈزۈش، غۇلاچلاپ ئۈزۈشلەر بىر - بىرىگە ئۇلىشىپلا مەيدانغا كەلگەن. پاقىچىلاپ ئۈزۈشنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا، تەدرىجىي ھالدا ئەركىن ئۈزۈش مۇسابىقىسىدىن چېكىندۈرۈلگەن.1904 - يىلىدىكى3 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا پاقىچىلاپ ئۈزۈش بىلەن باشقا ئۈزۈشلەر ئايرىۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن پاقىچىلاپ ئۈزۈش بىر خىل مۇقىم مۇسابىقە تۈرى بولۇپ قالغان. نۆۋەتتە ئەر - ئاياللار100 مېتىرغا پاقىچىلاپ ئۈزۈشنىڭ دۇنيا رېكورتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىر مىنۇت00 سېكۇنت5 .9 دەقىقە ۋە بىر مىنۇت70 سېكۇنت1 .9 دەقىقە.
كېپىنەكچىلەپ ئۈزۈش1933 - يىلى پاقىچىلاپ ئۈزۈشتىن ئايرىلىپ چىققان، ئۇنى ئامېرىكىلىق خېنزى مېئارس تۇنجى بولۇپ قوللانغان.1952 - يىلىدىكى15 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا مۇستەقىل تۈر بولغان. نۆۋەتتە ئەر - ئاياللار100 مېتىرغا كېپىنەكچىلەپ ئۈزۈشنىڭ دۇنيا رېكورتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا52 سېكۇنت4 .8 دەقىقە ۋە57 سېكۇنت3 .9 دەقىقە.
ئوڭدىسىچە ئۈزۈش پاقىچىلاپ ئۈزۈشتىن كېيىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، »تەتۈر پاقىچىلاپ ئۈزۈش« ۋە »غۇلاچلاپ ئۈزۈش« باسقۇچلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. نۆۋەتتە، ئەر - ئاياللار100 مېتىرغا ئوڭدىسىچە ئۈزۈشنىڭ دۇنيا رېكورتى53 سېكۇنت6 .8 دەقىقە ۋە بىر مىنۇت00 سېكۇنت1 .3 دەقىقە.
سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىگە ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا29 ئالتۇن مېدال تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يېنىك ئاتلېتىكىنىڭ كەينىدىلا تۇرىدىغان بولغاچقا، تارىختىن بۇيان ھەرقايسى دۆلەتلەر تالىشىدىغان قىزىق نۇقتا بولماقتا. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو سۇ ئۈزۈشتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەردۇر.
ئېلىمىزنىڭ سۇ ئۈزۈش ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىككى يۇقىرى پەللە بار.1953 - يىلى4 - نۆۋەتلىك ياشلار بىرلەشمە بايرىمىدىكى سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە، ئېلىمىزنىڭ ئەر ماھىرى ۋۇ چۇەنيۈي100 مېتىرغا ئوڭدىسىچە ئۈزۈشتە چېمپىيون بولۇپ، خەلقئارا تەنتەربىيە مۇنبىرىدە تۇنجى بەش يۇلتۇزلۇق بايراقنى لەپىلدەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىلىرىدىن چى ليېيۈن، مۇ شياڭشۇڭ، مۇ گوشۇڭلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش قېتىم ئەرلەر100 مېتىرغا پاقىچىلاپ ئۈزۈشنىڭ دۇنيا رېكورتىنى يارىتىپ، بۇ تۈردە بىر مەزگىل دۇنيانىڭ ئالدىنقى ئورنىدا تۇرغان.1988 - يىل4 - ئايدا جۇڭگو ئايال ماھىرى ياڭ ۋېنيى24 سېكۇنت8 .9 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئاياللار50 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈشنىڭ دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىدى، بۇ ئېلىمىز سۇ ئۈزۈش ساھەسىدىكىلەرنىڭ28 يىللىق جىمجىتلىقتىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈشى، شۇنداقلا تارىختىن بۇيانقى ئاسىيا ئايال ماھىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا سېئۇل ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئېلىمىزنىڭ »تۆت قىزىل گۈلى« جۇاڭ يۇڭ، ياڭ ۋېنيى، خۇاڭ شياۋمىڭ ۋە چيەن خۇڭلار بىراقلا ئۈچ كۈمۈش ۋە بىر مىس مېدال ئېلىپ، دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يېقىنلاشقان.1991 - يىل1 - ئايدا6 - نۆۋەتلىك دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىلىرى سەككىز ئالتۇن، ئۈچ كۈمۈش مېدال ئالغان.1992 - يىلىدىكى بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا «بەش ئالتۇن گۈل» ياڭ ۋېنيى، جۇاڭ يۇڭ، لىن لى، چيەن خۇڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭلار تۆت ئالتۇن مېدال، بەش كۈمۈش مېدال ئېلىپ، دۇنيا سۇ ئۈزۈش ساھەسىدە كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرگەن.