UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىئەركىن گىمناستىكا

ئەركىن گىمناستىكا

تەنتەربىيە تۈرلىرى ئەركىن گىمناستىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى گىمناستىكا تېخنىكىسى بىلەن سەنئەت بىرلەشتۈرۈلگەن ھەرىكەتلەرنىڭ چاققان، كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرارلىق ھەم كۆركەم، گۈزەل بولغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ھازىرقى زامان ئەركىن گىمناستىكىسىدا ئەرلەرنىڭ ھەر خىل تىپتىكى ماھىرلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاساس قىلىش، ئۇنىڭ ئىچىدە چوقۇم بوشلۇقتا موللاق ئېتىش، تەڭپۇڭ ھالەتتە تايىنىش، بەدەن بۇراپ سەكرەشكە ئوخشاش مەزمۇنلارنىڭ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاياللارغا يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ھەر خىل ماھىرلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە گىمناستىكا ئۇسسۇل مۇزىكىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ بەدەن گۈزەللىكى، قىياپەت گۈزەللىكى ۋە ئىپادىلەش گۈزەللىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق نامايان قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەركىن گىمناستىكا1911 - يىلى خەلقئارا مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن، ئەينى چاغدا پەقەت ئەرلەر بىلەنلا چەكلەنگەن، ئاياللارنىڭ ئەركىن گىمناستىكىسى1952 - يىلىغا كەلگەندە ئاندىن15 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇسابىقە مەيدانىنى8 ×8 مېتىردىن بۈگۈنكى12 ×12 مېتىرغا ئۆزگەرتكەن.1958 - يىلىدىكى10 - نۆۋەتلىك دۇنيا گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىن باشلاپ، ئاياللار ئەركىن گىمناستىكىسىنى مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىش رەسمىي بېكىتىلگەن. ئەركىن گىمناستىكىدا پۈتۈن يۈرۈش ھەرىكەتتە مەيدان بىلەن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، شەخسنىڭ ئۇسلۇبى، ئىجادىي ئىقتىدارى ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا يېڭىچە، مۇۋاپىق، ئىخچام ھالدا رىتىمدارلىققا ۋە قىيىنلىققا ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. جۇڭگو ئەرلەر ئەركىن گىمناستىكىسى80 - يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىزچىل ھالدا دۇنيانىڭ ئالدىدا تۇردى. لى يۆجيۇ، لى نىڭ، لۇ يۈن، لى جىڭ قاتارلىقلار كۆپ قېتىم خەلقئارا چوڭ مۇسابىقىلەردە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. ئاياللار ئەركىن گىمناستىكىسى70 - يىللارنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن80 - يىلىنىڭ بىشىغىچە شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى