UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىچەۋەندازلىق

چەۋەندازلىق

تەنتەربىيە تۈرلىرى چەۋەندازلىق نەپىس، شۇنداقلا قىزىقارلىق ھەرىكەت، ئۇ ئەڭ بالدۇر ئەنگلىيىنىڭ خان ئوردىسىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان بولغاچقا، «مۆتىۋەرلەر ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان. قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ33 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىندىلا ئات چاپتۇرۇش تۈرى بولغان. مىلادىيىنىڭ1174 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھەر ئەتراپىدا ئات چاپتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئەۋج ئېلىپ، خان جەمەتىنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ تۈر تېز ئومۇملاشقان.16 - ئەسىرگە كەلگەندە، ئاۋسترىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەخسۇس چەۋەندازلىق مەشىق مەكتەپلىرى ئېچىلىپ، چەۋەندازلىق ماھارەتلىرى ئۆگىتىلگەن، ھازىرقى زامان چەۋەندازلىق ھەرىكىتى تەدرىجىي ئومۇملاشقان.18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، كۆڭۈل ئېچىش چەۋەندازلىقى بىلەن ھەربىي ئىشلاردىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر مەشقى ئۆز يولىدا ئەۋج ئالغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چەۋەندازلىق ھەرىكىتى بىر تۈرلۈك مۇستەقىل تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرى بولۇپ قالغان.1900 - يىلى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن2 - نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، چەۋەندازلىق تۇنجى قېتىم رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.1921 - يىلى خەلقئارا چەۋەندازلىق بىرلەشمىسى پارىژدا قۇرۇلغان، باش ئورگىنى بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھىرىدە. خەلقئارا چەۋەندازلىق بىرلەشمىسىنىڭ خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىلىرىدىن: ئۇسسۇل قەدىمى مۇسابىقىسى، توسۇقتىن ھالقىپ ئۆتۈش مۇسابىقىسى، ئۈچ كۈنلۈك مۇسابىقە ۋە ئات ھارۋىسى مۇسابىقىسى قاتارلىق دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىلىرى (جۈپ يىللاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ)، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى (يەككىلەرنىڭ ۋە كوللېكتىپنىڭ ئۈچ كۈنلۈك مۇسابىقىسى، توسۇقتىن ھالقىپ ئۆتۈش مۇسابىقىسى ۋە چەۋەندازلىق مۇسابىقىسىنى ئىچىگە ئالىدۇ) بار. ھازىر چەۋەندازلىق ھەرىكىتىدە كۈچلۈك دۆلەتلەر ئاساسەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا بولماقتا. ئېلىمىزنىڭ چەۋەندازلىق ھەرىكىتى ئاساسەن غەربىي شىمال يايلاقلىرىدا ئومۇملاشقان. ئىچكى موڭغۇلدا يىلدا بىر ئېچىلىدىغان «نادام» يىغىلىشىدا چەۋەندازلىق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى
چەۋەندازلىق | UyghurWiki | UyghurWiki