UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىئېگىز - پەس تورنىك

ئېگىز - پەس تورنىك

تەنتەربىيە تۈرلىرى ئېگىز - پەس تورنىك ئاياللار گىمناستىكىسىدىكى ئۇچۇش ھەرىكەت دائىرىسى ئەڭ چوڭ تۈردۇر. بىر يۈرۈش ئېگىز - پەس تورنىك ھەرىكىتىدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاساس قىلىش بىلەن بىللە ئۈزلۈكسىز تۈردە تورنىك ئالمىشىپ، نىشان يۆتكەپ، توختاپ قېلىشتىن ھەم زۆرۈرىيىتى يوق قوشۇمچە تايىنىشلاردىن ساقلىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ھازىرقى ئېگىز - پەس تورنىك ھەرىكەتلىرىدە كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان، ئۇچۇش خاراكتېرلىك ۋە ئەرلەر ئورۇندايدىغان يېڭى، قىيىن ھەرىكەتلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئېگىز - پەس تورنىك جۇڭگو ئاياللار كوماندىسى پۇختا ئىگىلىگەن تۈردۇر.1979 - يىلىدىكى20 - نۆۋەتلىك دۇنيا گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن1984 - يىلىدىكى23 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئېگىز - پەس تورنىكنىڭ ئالتۇن مېداللىرىنى جۇڭگولۇق ما يەنخۇڭ ئالغان. جۇڭگو ماھىرى ۋۇ جانىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان »جانىچە ئۆرلەش« (بىلەكنى تولغاپ تۇتۇپ ئېسىلىپ پۇتنى ئارقىغا كېرىپ پەس تورنىكتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، پەس تورنىكتا تىك بۇلۇڭ ھالەتتە ئېسىلىپ تۇرۇش) ھەرىكىتى ئېگىز - پەس تورنىكتىكى داڭلىق ھەرىكەت بولۇپ قالغان. ئېلىمىزنىڭ ئاياللار گىمناستىكىسى ھەرىكىتىدە ئەڭ ئاۋۋال ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن تۈرمۇ ئېگىز - پەس تورنىك.1987 - يىلى14 ياشلىق فەن دى دۇنيا مۇسابىقىسىدە كەينىگە چوڭ ئايلىنىپ180 گرادۇس بۇرۇلۇپ، ئالدىغا چوڭ ئايلىنىش، ئۇلاپلا تورنىك يۈزىدىن بىر مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆرلەپ پۇتلارنى كېرىپ بوشلۇقتا ئالدىچە موللاق ئېتىپ تورنىكنى تۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت يۈرۈشلەشكەن پەۋقۇلئاددە قىيىن تۆت ھەرىكەتنى تاماملاپ، دۇنيا گىمناستىكا سەھنىسىنى زىلزىلىگە سالغان.1989 - يىل10 - ئايدا گېرمانىيىنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن25 - نۆۋەتلىك گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە فەن دى ئېگىز - پەس تورنىكنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە10 نومۇر بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى
ئېگىز - پەس تورنىك | UyghurWiki | UyghurWiki