فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش
تەنتەربىيە تۈرلىرى
فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش17 - ئەسىردە گوللاندىيىدە بارلىققا كەلگەن.19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مېتال تاۋلاش سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەنگلىيىدە تۆمۈردىن ياسالغان كانكى ئىشلەپچىقىرىلغان.1868 - يىلى ئامېرىكىنىڭ بالېت ئۇسسۇل سەنئەتكارى جاكسۇن خېينىس بۇ خىل تۆمۈر كانكىلىق ئاياغنى كىيىپ ئاۋسترىيىنىڭ ۋيېنا مۇز مەيدانىدا يېقىملىق مۇزىكا ئاۋازى ئىچىدە ئەينى چاغلاردا مودا بولۇۋاتقان ۋالىس ئۇسسۇلىنى ئويناپ، ئاۋسترىيىلىكلەرنى قايىل قىلىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇلار بەس - بەس بىلەن جاكسوننى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگەن ھەمدە فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش كۇلۇبى قۇرۇپ، مەخسۇس مەشىقلەرنى باشلىۋەتكەن.1872
- يىلى ئاۋسترىيىلىكلەر دۇنيادا تۇنجى قېتىم فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن.1892 - يىلى خەلقئارا مۇز تېيىلىش بىرلەشمىسى قۇرۇلۇپ، بىرلەشمە ئورنى شۋېتسارىيىنىڭ داۋۇس شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان.1896 - يىلى روسىيىنىڭ پېتېربۇرگ شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئەرلەر يالغۇز كىشىلىك فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.1906 - يىلى شۋېتسارىيىنىڭ داۋۇس شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك ئاياللار يالغۇز كىشىلىك فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.1908 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن4 - نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. شۇ يىلى روسىيىنىڭ پېتېربۇرگ شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئىككى كىشىلىك فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.1952 - يىلى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە دۇنيا مۇز ئۈستى ئۇسسۇلى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.
فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىشنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرى يالغۇز كىشىلىك تېيىلىش، ئىككى كىشىلىك تېيىلىش ۋە مۇز ئۈستى ئۇسسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەر - ئاياللارنىڭ يەككە تېيىلىشىدا بەلگىلەنگەن ھەرىكەتلەردىن باشقا، تەنھەرىكەتچى ئۆزى مۇزىكا تاللاپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت (ئەرلەر بەش مىنۇت، ئاياللار تۆت مىنۇت) ئىچىدە بىر يۈرۈش ئەركىن تېيىلىش ھەرىكىتىنى ئورۇندايدۇ. ئىككى كىشىلىك تېيىلىش بىر ئەر، بىر ئايالدىن تەشكىل تاپىدۇ. مۇسابىقە مەزمۇنىدا يەككە تېيىلىشتىكى ھەرىكەتلەردىن باشقا، يەنە ئىككى كىشى پىرقىراش، كۆتۈرۈش، سەكرەش ۋە ئىككى كىشىلىك قەدەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇز ئۈستى ئۇسسۇلىدىمۇ بىر ئەر، بىر ئايال بىرلىشىپ مۇز ئۈستىدە ھەر خىل قەدەملەر، قىياپەتلەر ۋە ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى ئورۇندايدۇ، ئەمما تىپىك ئىككى كىشىلىك تېيىلىش ھەرىكىتى ۋە بىر كىشىلىك تېيىلىشتىكى سەكرەش ھەرىكىتىنى ئىشلەشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
دۇنيادا ئىككى چوڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى بولۇپ، ئۇلار دۇنيا فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدۇر. ئالدىنقىسى1896 - يىلىدىن باشلانغان، كېيىنكىسى1924 - يىلىدىن باشلانغان. بۇ تۈردىكى ھەرىكەتنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تۈردە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە كانادالار ئىگىلىمەكتە. ئېلىمىزنىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش ھەرىكىتى1949 - يىلىدىن باشلاپ قانات يايدۇرۇلغان.1953 - يىل2 - ئايدا خاربىن شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.1956 - يىلى جۇڭگو مۇز تېيىلىش جەمئىيىتى خەلقئارا مۇز تېيىلىش بىرلەشمىسىگە كىرگەن.1980 - يىلى جۇڭگو فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش كوماندىسى13 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ۋە دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم قاتناشقان. ئېلىمىز ماھىرى چىن لۇ1993 - يىلىدىكى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن1994 - يىلىدىكى17 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئاياللارنىڭ يەككە تېيىلىشىدا مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئېلىمىز فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش ھەرىكىتىدە زور بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.