UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىپەي توپ

پەي توپ

تەنتەربىيە تۈرلىرى 19 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرى ھازىرقى زامان پەي توپ ھەرىكىتى ئەنگلىيىدە پەيدا بولغاندا، توپ مەيدانى قاپاقسىمان بولۇپ، ئىككى بېشى كەڭ، ئوتتۇرىسى تار بولغان،1901 - يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن تىك تۆتبۇلۇڭ ھالىتىگە كەلگەن. ھازىرقى ئۆلچەملىك مەيداننىڭ ئۇزۇنلۇقى40 .13 مېتىر، يەككە ئويناش مەيدانىنىڭ كەڭلىكى18 .5 مېتىر، جۈپ ئويناش مەيدانىنىڭ كەڭلىكى10 .6 مېتىر بولىدۇ. مۇسابىقە نومۇرىنى ھېسابلاشتا، ئاياللارنىڭ يەككە ئوينىشىدا11 نومۇر ھېسابلانغاندىن سىرت، قالغان تۈرلەردە كىم ئاۋۋال15 نومۇر ئالسا شۇ غەلىبە قىلغان بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ مۇھىم دۇنيا پەي توپ مۇسابىقىسىدىن تۆۋەندىكىلەر بار: «تومىس لوڭقىسى» مۇسابىقىسى (ئەرلەر كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى)،1948 - يىلىدىن باشلاپ ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ «ۋېبېر لوڭقىسى» مۇسابىقىسى (ئاياللار كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى)،1956 - يىلىدىن باشلاپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (يەككىلەر مۇسابىقىسى)،1977 - يىلىدىن باشلاپ1989 - يىلىغىچە ئالتە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن؛ ئەنگلىيە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (رەسمىي بولمىغان ئەنئەنىۋى يەككىلەر مۇسابىقىسى)،1899 - يىلىدىن باشلىنىپ ئارىلىقتا1915 - يىلىدىن1919 - يىلىغىچە ۋە1940 - يىلىدىن1946 - يىلىغىچە ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبلىك توختاپ قالغاندىن باشقا، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. بۇ بىرنەچچە چوڭ مۇسابىقە خەلقئارا پەي توپ بىرلەشمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئېلىمىزدە50 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېيىن پەي توپ ھەرىكىتى تەدرىجىي ھالدا شەھەرلەردە قانات يېيىشقا باشلاپ، سەۋىيىسىمۇ تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.1963 - يىلى ئۆزىمىز ئىجاد قىلغان تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى بىلەن دۇنيا چېمپىيونى ھىندۇنېزىيە كوماندىسىنى يەڭگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ قېتىم دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە چېمپىيونلۇقنى تارتىۋالغان. ئۇنىڭ ئىچىدە،1982 - يىلى ۋە1988 - يىلى جۇڭگو ئەرلەر كوماندىسى ئىككى قېتىم تومىس لوڭقىسىنى،1985 - يىلى،1988 - يىلى ۋە1991 - يىلى ئاياللار كوماندىسى ئۈچ قېتىم ۋېيبېر لوڭقىسىنى ئالغان.1987 - يىلى دۇنيا پەي توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز ماھىرلىرى بارلىق بەش يەككە تۈرنىڭ ئالتۇن مېدالىنى ئالغان. بۇ نەتىجىلەر ئېلىمىزنىڭ پەي توپ ھەرىكىتىدە دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يېتىپلا قالماي، ئىختىساسلىقلارنىمۇ كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقالايدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ. ئەر تەنھەرىكەتچىلەردىن ياڭ ياڭ، جاۋ جەنخۇالار دۇنيا پەي توپ سەھنىسىدە «تۆت چوڭ پادىشاھ» سېپىگە كىرگەن. ئايال تەنھەرىكەتچى لى لىڭۋېي دۇنيا «پەي توپ خانىشى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى