UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرى«مۇز توپ» − چوماق توپ

«مۇز توپ» − چوماق توپ

تەنتەربىيە تۈرلىرى چوماق توپنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «چىملىق چوماق توپى» بولۇپ، ئۇ پۇتبول بىلەن مۇز توپنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، خۇددى پۇتبول مەيدانىدا مۇز توپ ئوينىغانغا ئوخشىشىپ قالىدۇ. مۇسابىقىدە ھەربىر كوماندىدىن11 دىن ئادەم مەيدانغا چۈشىدۇ. ئەزالار ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ئاشمايدىغان ئەگرى باشلىق توپ تايىقىدا توپ ئۇرىدۇ. بەلگىلەنگەن70 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا كۆپ توپ كىرگۈزگىنى غەلىبە قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، رىقابەتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. ئەر - ئاياللار چوماق توپ مۇسابىقىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. چوماق توپ قەدىمىي تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ،2000 يىل ئىلگىرى قەدىمكى مىسىردا چوماق توپ مۇسابىقىسى بولغان. ھازىرقى زامان چوماق توپى19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەنگلىيىدە گۈللىنىپ، ئىنتايىن تېزلا ھىندىستان قاتارلىق ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە تارقالغان. ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قانات يايماقتا. پاكىستان چوماق توپنى «دۆلەت توپى» دەپ قارايدۇ، ئىككى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونى بولغان. ھىندىستان، يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيىلەرمۇ چوماق توپتا كۈچلۈك دۆلەتلەردۇر. جۇڭگونىڭ چوماق توپ ھەرىكىتى1976 - يىلىدىن كېيىن ئاندىن رەسمىي تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان.1978 - يىلىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇسابىقىلەر جانلانغان. چوماق توپ ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت داغۇرلارنىڭ بىر خىل ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ، ئۇلار ئۇنى «پويىكاۋ» دەپ ئاتىغان، مەنىسى «ئەگرى تاياق» دېگەنلىكتۇر. مۇسابىقە قائىدىسىدە ھازىرقى زامان چوماق توپ بىلەن ئايرىم پەرقلىرى بولسىمۇ، ئويناش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئوخشىشىدۇ. شۇڭا،1978 - يىلى مەملىكەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ياشلار چوماق توپ كوماندىسىنى تەشكىللىگەندە مولداۋان داغۇر ئاپتونوم خوشۇنىنىڭ چوماق توپ كوماندىسىنى ئاساس قىلغان.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى