UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىئاسما ھالقا

ئاسما ھالقا

تەنتەربىيە تۈرلىرى 1842 - يىلى گېرمانىيىلىك سىپتىس تۇنجى ھازىرقى زامان جۈپ ھالقىسىنى ياساپ چىققاندا، تەنھەرىكەتچىلەر پەقەت بىر قىسىم پۇلاڭلاش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئاددىي ئېسىلىپ ساڭگىلاش، تايىنىش مەشىقلىرىنىلا ئورۇندىيالايتتى. بىر بىلەكلىك ھەرىكەتلەرنى پۇت - قوللىرىنى سىمغا ئىلىۋېلىپ ئىشلىگەن. بۈگۈنكى كۈندە ئاسما ھالقا ھەرىكەتلىرى مۇكەممەللىشىپ، مۇرەككەپلىككە يۈزلىنىپ، ئۇچۇرۇش، كۈچىنىش ۋە تىنچ ھەرىكەتلەرنىڭ گىرەلىشىشىدىن تەشكىللىنىدىغان بولدى. ھەرىكەتلەرنى ئورۇنداش جەريانىدا ئىككى قولدا ھالقا تۇتقاندىن باشقا، بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىنى ھالقىغا ۋە تاسمىغا تەگكۈزمەسلىك تەلەپ قىلىنىپ، ھالقىنى لىڭشىتىۋەتمەسلىك ئەلا ھېسابلىنىدىغان بولدى. يېقىنقى زامان ئاسما ھالقا ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بىلەكنى تۈزلەش، يەنى پۈتۈن يۈرۈش ھەرىكەتنى بىلەكنى تۈزلەپ تۇرۇپ ئورۇنداشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، بىلەكنى تۈزلەپ بەدەننى تىك تۇتۇپ، ئاستا كۆتۈرۈلۈپ قول بىلەن تىكلىنىش، تەتۈر كرېست چىقىرىش دېگەندەك. بۇنداق بولغاندا، ھەرىكەتنىڭ دائىرىسى چوڭىيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرىكەتنىڭ قىيىنلىقى بىلەن كۈچىنىش دەرىجىسىمۇ بىراقلا ئاشىدۇ. جۇڭگو ئاسما ھالقا تۈرىدە دۇنيانىڭ ئالدىدا تۈرىدۇ. لى نىڭ23 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئاسما ھالقا چېمپىيونى بولغان. ئۇ ئورۇندىغان تۈز بىلەك، تۈز بەدەن بىلەن ئاستا كۆتۈرۈلۈپ ئوڭ كرېست ھالىتىگە كېلىش ھەرىكىتى «لى نىڭچە ئوڭ ئېسىلىش» دەپ ئاتالغان.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى
ئاسما ھالقا | UyghurWiki | UyghurWiki