قىلىچۋازلىق
تەنتەربىيە تۈرلىرى
قىلىچۋازلىق بىر تۈرلۈك يەككىلەرنىڭ قارشىلاشما تەنتەربىيە ھەرىكىتى. تەنھەرىكەتچى قىلىچۋازلىق كىيىمى ۋە قوغدانغۇچى بىلەن جابدۇنۇپ، بىر قولىغا قىلىچ ئېلىپ، ئۇزۇنلۇقى14 مېتىر، كەڭلىكى ئىككى مېتىرلىق قىلىچۋازلىق سەھنىسىدە ئۆزئارا قىلىچ سانجىپ ئېلىشىدۇ. بەدەننىڭ ئۈنۈملۈك يېرىگە بىر قېتىم قىلىچ تەگكۈزسە، بىر قىلىچ سانجىغان ھېسابلىنىدۇ.
قىلىچۋازلىقنىڭ خەلقئارا مۇسابىقە تۈرلىرىدىن ئەر - ئاياللارنىڭ يەڭگىل قىلىچ، ئەرلەرنىڭ ئېغىر قىلىچى ۋە يان قىلىچ تۈرلىرى بولۇپ، ھەربىر قىلىچ خىلىنىڭ يەككە ۋە كوللېكتىپ مۇسابىقىسى بار. يەككىلەر مۇسابىقىسى ئايلانما، شاللاش تۈزۈمى بويىچە ياكى ئىككىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. كوللېكتىپ مۇسابىقە ھەربىر كوماندىدىكى تۆت ئادەم كوماندىلار ئارا ئايلىنىش تۈزۈمىدە ئېلىشىدۇ، نومۇر كەتكۈزۈپ قويغىنى كۆپ بولغانلار يېڭىلگەن ھېسابلىنىدۇ.1896
- يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، قىلىچۋازلىق رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.1913 - يىلى خەلقئارا قىلىچۋازلىق بىرلەشمىسى پارىژدا قۇرۇلغان، باش ئورگىنى ئىتالىيىنىڭ مىلانو شەھىرىدە، ھازىر80 ئەزا دۆلەت بار. خەلقئارا قىلىچۋازلىق بىرلەشمىسى ئۆتكۈزىدىغان ئاساسلىق خەلقئارا مۇسابىقىلەردىن دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بار.
نەچچە ئەسىردىن بۇيان، ياۋروپا ئىزچىل قىلىچۋازلىق ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلمەكتە. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قىلىچۋازلىق ھەرىكىتى بەش قىتئەگە تەرەققىي قىلغان. ئېلىمىزدە1953 - يىلى قىلىچۋازلىقتىن ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى،1956 - يىلى تۇنجى قېتىملىق مەملىكەت خاراكتېرلىك قىلىچۋازلىق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.1974 - يىلى ئېلىمىز خەلقئارا قىلىچۋازلىق بىرلەشمىسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولدى.1984 - يىلى ئامېرىكىنىڭ لوس - ئانژېلېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن23 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، ئېلىمىز ماھىرى لۇەن جۇيجيې ئاياللارنىڭ يان قىلىچ تۈرىدە چېمپىيون بولغان. بۇ، ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىسى ئېرىشكەن تۇنجى قىلىچۋازلىق دۇنيا چېمپىيونلۇقىدۇر.