ئۇرۇش مەيدانىدىن كەلگەن دىسكا ۋە نەيزە
تەنتەربىيە تۈرلىرى
دىسكا، نەيزە ۋە چويۇن توپ يېنىك ئاتلېتىكىدىكى «ئۈچ تۆمۈر» دەپ ئاتىلىدۇ. دىسكا بىلەن نەيزىنىڭ شەكلىدىن تارتىپ ئېتىش ئۇسۇلىغىچە چوڭ پەرقى بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككىسىنى قەدىمكىلەر ياۋايى ھايۋانلارغا ۋە دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.
دىسكىنىڭ ئەسلىسى چەلپەك تاش بولۇپ، كېيىن مىس ۋە ئاليۇمىنلاردىن ياسالغىنى بارلىققا كەلگەن. ھازىر خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن ئەرلەر دىسكىسى ئىككى كىلوگرام، ئاياللار دىسكىسى بىر كىلوگرام كېلىدۇ، ئېتىش ئۇسۇلىمۇ بىرنەچچە قېتىم ئىسلاھ قىلىنغان. بۇرۇنقى ئۇدۇل تۇرۇپ، يانچە تۇرۇپ ھەم قەدەم ئالماشتۇرۇپ پىرقىراپ ئېتىشلار ھازىرقى كەڭ - كۇشادە تۇرۇپ، پەس قىياپەتتە كەينى تەرەپكە كەڭ دائىرىدە پىرقىراپ ئېتىشتەك يېڭى تېخنىكىغا تەرەققىي قىلدى، نەتىجىمۇ ناھايىتى تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى ئەرلەرنىڭ دىسكا چېمپىيونىنىڭ نەتىجىسى15 .29 مېتىر بولغان بولسا، ھازىر08 .74 مېتىرغا، ئاياللارنىڭ دۇنيا رېكورتىمۇ80 .76 مېتىرغا يەتتى. ئۇلارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا سابىق دېموكراتىك گېرمانىيىلىك شورت بىلەن رىينىش ساقلاپ كەلمەكتە.
ئېلىمىزنىڭ ئاياللار دىسكىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى شياۋ يەنلىڭ ياراتقان68 .71 مېتىر بولۇپ، دۇنيادا ئوتتۇرا - يۇقىرى سەۋىيىدە تۇرىدۇ.
نەيزىنىڭ ئەسلىي تىپى بامبۇكتىن ياسالغان ئۇزۇن سانجىغۇچ بولۇپ، تاش پارچىسى ئۇچلىنىپ، بامبۇك ياكى ياغاچ خادىنىڭ ئۇچىغا بېكىتىلىپ نەيزە ئۇچى قىلىنغان، كېيىن يەنە مېتال ئۇچقا تەرەققىي قىلغان. نەيزىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنقى ئۈچ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا بۇ تۈر بولمىغان.1906 - يىلىغا كەلگەندىلا ئەرلەر نەيزىسى،1932 - يىلى ئاياللار نەيزىسى ئولىمپىك تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. ھازىر ئەرلەر نەيزىسىنىڭ دۇنيا رېكورتى54 .95 مېتىر بولۇپ، چېخ ماھىرى زېرېزينى1993 - يىلى ياراتقان، ئاياللار نەيزىسىنىڭ دۇنيا رېكورتى80 مېتىر بولۇپ، سابىق دېموكراتىك گېرمانىيە ماھىرى فورىك1988 - يىل9 - ئايدا ياراتقان. ئېلىمىزنىڭ رېكورتى ئەرلەرنىڭ76 .82 مېتىر، ئاياللارنىڭ42 .70 مېتىر.